قاراقاشتا: قىش كېچىسىدىكى قايناق تۇرمۇش جانلىنىپ كەتتى

日期:2021年11月29日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، رايىدە

11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 21دە، كەچ كىرىشىگە ئەگىشىپ، قاراقاش مەززىلىك تائاملار مەيدانىدا ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، تىجارەتچى مەمەتتۇرسۇن مەمەتئىمىنمۇ بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

«ماڭا بىر قاسقان كاۋا مانتىسى بېرىڭ.» «ماڭا بىر قاسقان پېتىر مانتا بېرىڭ.» ئۇ تىجارەت قىلىۋاتقان تىللا مانتىخانىسىدىكى ئۈچ مۇلازىم ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مەززىلىك تائاملار مەيدانىدا تىجارەت باشلانغاندىن بۇيان، ئاشخانىنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، كۈندىلىك تىجارەت كىرىمى 3500 يۈەن ئەتراپىدا بولدى.

تىللا مانتىخانىسىغا قوشنا بولغان تىجارەتچى قەدىرنىسا تۇرسۇنتوختى ئىسسىق ھور چىقىپ تۇرغان زۇڭزىنى ئېلىپ، ياغاچ قوشۇق بىلەن بېسىپ چىڭدىغاندىن كېيىن، قېتىقنىڭ ئۈستىگە يېپىلغان ئاق داكىنى ئېچىپ، قويۇق، ئاپئاق قېتىقنى زۇڭزىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، ئاخىرىدا يەنە بىر قوشۇق ئەنجۈر مۇرابباسى قوشتى. ئىككى مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، مېھمان شەھىدە تۇرغۇن ئۇزاقتىن بۇيان يېگۈسى بار قېتىق زۇڭزىسىغا ئېغىز تېگەلىدى.

«قاقلانغان تۇخۇم! قاقلانغان تۇخۇم!» ئاۋاز چىققان تەرەپتە، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى يايمىغا توخۇ تۇخۇمى، غاز تۇخۇمى، كەپتەر تۇخۇمى لىققىدە تىزىلغانىدى... تۇخۇملارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، ئەڭ چوڭى تۆگىقۇش تۇخۇمى ئىدى.

تىجارەتچى گۈلجەننەت مەتنىيازنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى نۇرغۇن مېھماننى جەلپ قىلدى. ئۇ غاز تۇخۇمىنىڭ ئۈستىدىن ئۇستىلىق بىلەن تۆشۈك ئېچىپ، تۇخۇمنىڭ ئېقىنى تۆكۈۋېتىپ، توخۇ تۇخۇمى، كەپتەر تۇخۇمىنىڭ سېرىقى، ھەسەل، زەپەر ۋە ئۆزى ياسىغان دورا - دەرمەكلەرنى قوشۇپ، كۈل ئۈستىگە قويۇپ سەككىز مىنۇت قاقلاپ پىشۇرغاندىن كېيىن، بازىرى ئەڭ ئىتتىك بولغان «زەپەر قوشۇلغان ئۈچ خىل تۇخۇم»نى تەييارلاپ بولدى. «ھەر كۈنى 500 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپالايمەن» دېدى ئۇ.

تاۋۇز كاۋاپ مەززىلىك تائاملار مەيدانىدىكى ئەڭ ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنىڭ بىرى. تاۋۇزنىڭ پوستى قاقلىنىپ ئازراق قارىدىغاندىن كېيىن، تىجارەتچى مۇرادىل مەمەتنىڭ ئۇستىلىق بىلەن «تاۋۇز پوستى قاپقىقى»نى ئېچىشىغا شورپىنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ھاۋاغا تارالدى. «تاۋۇزنىڭ بىر تەرىپىنى كېسىپ، تاۋۇز ئېتىنى چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن توغرالغان قوي گۆشىنى تاۋۇز ئىچىگە سېلىپ سۇ قۇيۇپ، ئون نەچچە خىل دورا - دەرمەكنى تەڭشەپ سېلىپ، تونۇردا ئۈچ سائەت دۈملەپ قاقلاپ پىشۇرىمىز.» مۇرادىل مېھمانلارغا تاۋۇز كاۋاپنىڭ تەييارلىنىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى.

«بۇ يەرنىڭ باچكا كاۋىپى، قېتىق زۇڭزىسى ئىنتايىن يېيىشلىك» دېدى يېقىن دوستى بىلەن بىللە كەلگەن رۇقىيە ئەنۋەر خۇشال ھالدا. رۇقىيە قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازارلىق يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ھەر ھەپتىدە يېقىن دوستى بىلەن دېيىشىپ ناھىيە بازىرىغا بېرىپ تاماق يەيتتى. «يېڭىدىن ئېچىلغان قاراقاش مەززىلىك تائاملار مەيدانىنىڭ مۇھىتى ياخشى، مەززىلىك تائاملىرى كۆپ بولۇپ، كىشىنىڭ بارغۇسى كېلىدىغان كېچىلىك ئاشخانا» دېدى رۇقىيە.

بېلىق كاۋىپى، سامسا، تونۇر كاۋىپىنىڭ خۇش ھىدى تۆت ئەتراپقا تارالدى، باچكا شورپىسى، قېرىنغا سېلىپ پىشۇرۇلغان گۆش، يوبداندىن ئىسسىق ھور ئۆرلەپ تۇراتتى، ئۆزگىچە پىسا، ماتاڭ، ئانار شەربىتى كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى... سائەت 22دىن 30 مىنۇت ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ يەردە يەنىلا چىراغ نۇرى چاقناپ تۇراتتى، خۇشال ھالدا ناخشا ئېيتىلىپ، ئۇسسۇل ئوينىلىۋاتاتتى، ھەر خىل مەززىلىك تائاملار ۋە ئۇلارنىڭ خۇش ھىدىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋات مەنزىرە ئەتراپنى بىر ئالغانىدى، ساياھەتچىلەر ۋە شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بىرلىكتە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەرنى ھېس قىلىپ، تىنچ - ئىناق تۇرمۇش ئۈچۈن بىرلىكتە قەدەھ كۆتۈرۈشتى.

«نۆۋەتتە، مەززىلىك تائاملار مەيدانىغا جەمئىي 80 تىجارەتچى ماكانلاشتى، تىجارەت ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 12دىن 24كىچە. تىجارەت باشلىنىشى بىلەنلا شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئاھالە ۋە سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى مال سېتىۋېلىش، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش، ئويۇن كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ساياھەتچى مىقدارى 5000 ئادەمدىن ئاشىدۇ» دېدى قاراقاش مەززىلىك تائاملار مەيدانىنى يۈرۈشتۈرۈشكە مەسئۇل بولغان شىنجاڭ گۆھەر زېمىن خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى روزىمەمەت ئابلىز.