شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىسىملىكى

日期:2021年11月29日
来源:天山网
【字体:

​(2021 - يىلى 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 - قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللاندى)

يۈسۈپجان مەمەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەش قارار قىلىندى.

يۈسۈپجان مەمەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

يۈسۈپجان مەمەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1968 - يىلى 10 - ئايدا تۇغۇلغان، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. ئىلگىرى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇللۇقىنى، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىنى، ھاكىملىقنى، ئاپتونوم رايوندىكى مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك ئورۇننىڭ باش مەسئۇللۇقىنى، ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى تارماقلارنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇللۇقىنى، باش مەسئۇللۇقىنى، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىنى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.