يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون سىنلىق يىغىن ئاچتى

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم كەنتتە تۇرۇپ ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتى سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەجرىبىلىرى خۇلاسىلىنىلىپ ۋە تەتبىقلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم كەنتتە تۇرۇپ ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش مەخسۇس تېمىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، يۈز مىليونلىغان دېھقاننىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىگە ئۇيغۇنلىشىپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر، يېڭى دەۋردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى باش تۇتقا. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ نىشانى، فاڭجېنى ۋە ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسىي پىكىر يولى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، ئىدىيەۋى ئۇسۇلى ۋە ئىستىل تەلىپى ھەمدە كەنتتە تۇرۇپ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ياخشى ئىشلەش تەلىپىنى دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق مۇھىم نۇقتىلارنى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ناھىيە، يېزا رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى كەنت پارتىيە تەشكىلاتى جەڭگىۋار قورغىنىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئەقلىي تىرەك بولىدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى، ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش خىزمەت مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېتلىرى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، تەشكىلات تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرىدىغان، ساھە سىستېمىسى كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئالاقىدار تەرەپلەر تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، دەرىجىمۇدەرىجە تۇتىدىغان، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسلىق شەكلى قىلىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش خىزمەت ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، ئوي - پىكرى ۋە زېھنىنى خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشقا قارىتىپ، تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆ بىن، ياڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن سىنلىق يىغىن شەكلىدە ھەرقايسى يېزا - بازار(كوچا باشقارمىسى)غىچە ئېچىلدى.