ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

قۇرۇلۇش سۈرئىتى تېزلەشتى قۇرۇلما ئەلالاشتى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ قاتناش - تىرانسپورتىنىڭ «13 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم «14 - بەش يىل»نى باشلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قەدىمى تېزلىتىلىپ، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە تور قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولغان.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گو شېڭ مۇنداق دېدى: 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى جەمئىي 63 مىليارد 549 مىليون يۈەن تاماملانغان بولۇپ، بۇ پۈتۈن يىللىق پىلاننىڭ %105.8ىنى ئىگىلەيدۇ، 12 نۇقتىلىق تاشيول تۈرى ئوڭۇشلۇق پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول 515 كىلومېتىر بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئومۇمىي مۇساپىسى 6000 كىلومېتىردىن ئاشتى، ئارا تۈرۈك ناھىيەسى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، نىلقا ناھىيەسى، چاغانتوقاي ناھىيەسى، تۇمشۇق شەھىرىدىن ئىبارەت بەش ناھىيە (شەھەر)گە تۇتىشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى107 ناھىيە (شەھەر) ئىچىدە 85ىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يولنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشتى.

جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ تىڭياۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى بىخەتەر، تەكشى، مۇقىم ۋەزىيەتنى سىجىل ساقلىدى. 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى 24 مىليون 498 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.2 ئاشتى، يۈك، پوچتا يوللانمىسى تىرانسپورتى 152 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.4 ئاشتى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ ئايروپورت قۇرۇلۇشى قەدىمى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى، بايىنبۇلاق، شەرقىي جۇڭغار (گۇچۇڭ)، باركۆل ئايرودۇرۇمىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى تېز قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدە قۇرۇلۇش باشلىنىشىدىن ئۈمىد بار.

جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى نيۇ چۇەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى نۇرغۇن تۈردە قۇرۇلۇش تېزلىتىلدى، بۇ يىل، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، جياڭجۈنمياۋدىن نومغىچە بولغان تۆمۈريولدا تەڭ ئىش باشلاندى، جىڭدىن ئالاتاۋغىچە بولغان 2 - لىنىيەنى كۆپەيتىپ ياساش، غۇلجىدىن ئاقسۇغىچە بولغان تۆمۈريولنى چارلاش - لايىھەلەش خىزمىتى باشلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن كۆپەيگەن تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 31 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تاشيول يول تورى ئومۇمىي مۇساپىسى 209 مىڭ 200 كىلومېتىرغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول ئومۇمىي مۇساپىسى 7640 كىلومېتىرغا يەتكەن؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 1987.6 كىلومېتىر بولۇپ، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ تىجارەت مۇساپىسى 8152.6 كىلومېتىرغا يەتكەن؛ شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيە تارماقلىرى ئايرودۇرۇم تور ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن، نۆۋەتتە، شىنجاڭدا قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئايرودۇرۇم 22گە يەتكەن بولۇپ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېزلىتىلگەن.