شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلدى

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتا 130 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، سوممىسى 71 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن: ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ سەككىز مەيدان سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن، 130 تۈردە كېلىشىم ئىمزالانغان، سوممىسى 71 مىليارد 195 مىليون يۈەن بولغان؛ سىناق رايونىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونىدىكى 1 ـ تۈركۈمدىكى 45 نۇقتىلىق تۈر تېز ئالغا سىلجىتىلغان؛ بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە تاماملانغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت سودا سوممىسى 752 مىليون دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %253.05 ئاشقان.

2020 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىي جاۋابى بىلەن شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونى تەسىس قىلىندى. بۇ سىناق رايونى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى چېگرا بويىدىكى بىردىنبىر نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونىدۇر.

«سىناق رايونى دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم كۆزنەك.» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ماۋ خۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» سىناق رايونغا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تايانچ نۇقتا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم سۇپا، چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئېشىش قۇتۇپى، چېگرا ۋە دۆلەت زېمىنىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم توسۇق»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى يۈكلىدى. ئاپتونوم رايون «شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقىتىپ، سىناق رايونىنىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەرەققىيات ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم «شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت»نى چىقىرىپ، سىناق رايونىغا ئالاھىدە سىياسەت مەدىتى بەردى.

«شۇ يىلى باشلاش، ئۈچ يىلدا دەسلەپكى نەتىجىسىنى كۆرۈش، بەش يىلدا شەكىلگە كەلتۈرۈش، ئون يىلدا پۈتتۈرۈش» تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئايدىن تولقان مۇنداق دېدى: «بىز سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا دادىل ئىسلاھ قىلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ، بىر تۈركۈم ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان، كېڭەيتىشكە بولىدىغان تەجرىبە، ئۇسۇللارنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولىمىز».

نۆۋەتتە، تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان بىر قاتار يانداش سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى تۈزدى، باج، پۇل مۇئامىلە، كەسىپ، يەر، سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، تىجارەت ـ سودا مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردە تۈرلۈك سىياسەتلەردىن تولۇق پايدىلاندى، ياخشى پايدىلاندى. بۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: سىناق رايونىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار بىلەن «ئۇدۇل يول» تۈزۈمىنى ئورنىتىش؛ سىناق رايونى بىلەن چۆچەك شەھىرى ۋە ھەرقايسى شۆبە رايونلار تۇرۇشلۇق جايلارنىڭ مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش؛ تارباغاتاي چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىنىڭ مالىيە، كادىرلار ئىشلىرى قاتارلىق بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، قۇرۇلۇش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش؛ سىناق رايونى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش، ياردەم بېرىپ بېجىرىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى چىقىرىش قاتارلىق تۈزۈملەردە يېڭىلىق يارىتىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش؛ ئەۋزەل كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە دۆلەت مەبلەغ سېلىش، شەھەر مەبلەغ سېلىش قاتارلىق دۆلەت مەبلەغ سېلىش سۇپىسى شىركىتىدىن سەككىزنى قۇرۇپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش؛ سىناق رايونى كەسىپ تەرەققىيات فوندى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ تەسىس قىلىش قاتارلىقلار.

«بىز تەرەققىي قىلغان رايوندىن سودىگەر چاقىرىش، توردا سودىگەر چاقىرىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىن پايدىلىنىپ سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق كۆپ خىل سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپلەردە پەن تەتقىقات ئاپپاراتى تەسىس قىلىشقا جەلپ قىلىمىز. دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، سەنيى ئېغىر سانائىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ماكانلاشتى.» ئايدىن تولقان مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ سىناق رايونىنى ئىقتىسادى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى گۈزەل بولغان، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان، قوشنىلار ئىناق، دوستانە ئۆتىدىغان، ئېچىۋېتىشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان يىپەك يولى يېڭى شەھەرچىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىشەنچىمىز، ئىرادىمىز بار».