ئالدىنقى ئون ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن يىللىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى تاماملىدى

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشى ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلىغان. 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، 48 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، پۈتۈن يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانى تاماملانغان.

بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كىنو بازىرى (فوسفورلۇق ئوغۇت زاۋۇتىدىن ئۆزگەرتىلگەن) مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشى تۈرى، ئالتاي شەھىرىنىڭ جياڭجۈن تېغى يېزا ـ كەنت ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىق بەش تۈر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭغا ئالاقىدار ئومۇمىي سېلىنما 2 مىليارد يۈەن بولدى؛ ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى تۈرى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش بويىچە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى تۈرى، ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ دۆلەت بالىلار رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىق 25 مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى بىرقەدەر تېز بولدى؛ كاربون ئاساسىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقى خىمىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، شىنجاڭ مالىيە ـ ئىقتىساد داشۆسى قۇرۇلۇشى تۈرى، يېزا ئۆيلىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق 36 خەلق تۇرمۇشى تۈرىدە يېڭىدىن ئىش باشلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، 2021 ـ يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەردىن جەمئىي 93 تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 292 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن، 48 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، سەھىيە ـ تەنتەربىيە، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت قوغداش، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، شەھەر ـ بازار قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.