چىراغلارنىڭ چاقناپ تۇرۇشىمۇ «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ»

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

خوۋ خۇي

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، توپ ـ توپ ساياھەتچىلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يەرنى ئايلىنىپ كېچە مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىۋاتاتتى؛ تىيانشان ۋەنكې مەيدانى كۆزنى چاقنىتىدىغان رەڭدار تۈسكە كىرگەنىدى، كىشىلەر بۇ يەردە مودىنى ھېس قىلىۋاتاتتى، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىۋاتاتتى؛ ۋەندا مەيدانىدىكى چىراغ نۇرلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، ياشلار باۋفېڭ شەھەرچىسى كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىدە «سېھىرلىك ئۆيدىن قۇتۇلۇپ چىقىش» ئويۇنىنى ئويناۋاتاتتى...

يېقىندا، كۆپلىگەن سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، كوچا بويىدىكى دۇكانلار تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، قار ـ مۇز بىلەن قاپلانغان ئۈرۈمچىنى قىش كېچىسىدىمۇ چىراغلار چاقناپ تۇرغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان رەڭدار تۈسكە كىرگۈزدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكىلا ئەمەس، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ئاممىنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشى مول، رەڭدار بولدى. يېقىندا، شىنجاڭدىكى قەشقەر شەھىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى تەسىرات كوچىسى قاتارلىق ئۈچ جاي تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلانغان رايون قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

ھاياتىي كۈچكە تولغان كېچىلىك تۇرمۇش شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كېچىلىك بازار، كېچىلىك مەيدان كىنوسى، «كېچىلىك ئاشخانا»... خەلققە يېقىن، ئىللىق تۇرمۇش تۈسىنى، ئاۋات مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى، شۇنداقلا شەھەر ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى، بۇ، دەل بىر شەھەرنىڭ «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى»دۇر. شەھەرنىڭ «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى»نى ياخشى بەرپا قىلىش شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شەھەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

كەچ بولغانسېرى شۇنچە گۈزەللىشىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىل ھالەتتىكى كېچىلىك تۇرمۇش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىدىكى مۇھىم مەزمۇنغا ئايلاندى، ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى شەھەرلەر كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدىغان سېھرىي كۈچكە تولدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، كېچىلىك تۇرمۇش مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرلەردىكى كېچىلىك تۇرمۇشنى ھەم «ئۆلچەم»گە، ھەم «ھارارەت»كە ئىگە قىلغاندا، «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ»مۇ تەرەققىياتنىڭ «مۇستەھكەم تىرىكى»گە ئايلىنالايدۇ.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى:xjrbplb@126.com)