جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش كېرەك

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكىلەرگە پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكىلەرگە پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە ۋە خەلق بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىن. پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەش، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ۋە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەش، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشنىڭ مۇھىم تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەش، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەتئىيلىك بىلەن بەلگىلەنگەن نىشاننى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، ھەر دەرىجىلىك نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى مەركەزلىك ئۆگىنىشى، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىشى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاڭلىق ھالدا ئۆگىنىشى، ھەقىقىي تۈردە روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلىشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 2 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى خىزمەتنىڭ پۈتۈن جەريانىدا، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلىپ، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.