ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30 ـ قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 ـ قېتىملىق يىغىنى 1 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 47 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 ـ قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالمىسى ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2020 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم ـ چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2021 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسى (دەسلەپكى لايىھە) توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ سوت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەرز ـ شىكايەتلەرنى تەپتىش قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىش پىكرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئارىسىدا «شانلىق 100 يىلدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، 10 مىڭ ۋەكىل 10 مىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 ـ يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايوندىن 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى تولۇقلاپ سايلاش ۋە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ـ قالدۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، سو يۆ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقاممەت، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۆ بىن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.