«جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تۇرمۇشنىڭ بەختلىك بولۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق»

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ جاي «ئەمگەك گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدۇ» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا، جاڭ يەنفاڭ، پىراكتىكانت لى جىڭ

11-ئاينىڭ 23-، 24-كۈنلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى، سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر «ئەمگەك گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدۇ» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، پاكىت ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر توقۇپ چىققان شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېگەن ئۇچىغا چىققان يالغان-ياۋىداق سۆزلەرگە رەددىيە بەردى.

«ئاتالمىش <مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش> دېگەن سۆزنىڭ شىنجاڭدا قىلچە پاكىت ئاساسى يوق، ئۇ باشقىچە غەرەزدە توقۇلغان پىتنە-ئىغۋا ۋە سېپى ئۆزىدىن يالغان-ياۋىداق سۆز.» سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللار تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ 1-دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى رەناگۈل تۇرسۇن قاتتىق غەزەپلەنگەن ھالدا شۇنداق بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ھەر مىللەت ئاياللار ئۆز ئارزۇسى بويىچە كەسىپ تاللاپ، قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بېكىتتى، ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشىش ھوقۇقى، ئارام ئېلىش-دەم ئېلىش ھوقۇقى قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى.

رەناگۈل مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى يېزا ئاياللىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاياللار تەرەققىياتى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، تۈرلەرنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ يېزا ئاياللىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» دېگەن ئىدىيە كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، بارغانسېرى كۆپ ئايال ئۆيدىن چىقىپ كارخانا، زاۋۇتلارغا كىرىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولى ئارقىلىق، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، شۇنداقلا كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئارشاڭ ناھىيەلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئەخەت مۇنداق بىلدۈردى: «ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا قارا چاپلايدىغان، بوھتان چاپلايدىغان بىمەنە سەپسەتىلىرى ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغانلىق، يوق يەردىن پۇتاق چىقارغانلىق!» ئەخەت يېقىن دوستى پەرھات سەيدۇللانى مىسالغا ئېلىپ، دوستىنىڭ شوپۇرلۇق، رېمونت قىلىش تېخنىكىسىغا تايىنىپ ئون نەچچە كىشىنى يېتەكلەپ كىران مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەرگەنلىك ھېكايىسىنى تونۇشتۇردى. «ئەتراپىمدىكى دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشقا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش ياراتتى» دېدى ئەخەت.

شىنجاڭنىڭ ياخشى-ياخشى ئەمەسلىكىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ھەر كۈنى ھېس قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئارزۇگۈل روزى ئۆزىنىڭ ئون يىللىق خىزمەت كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن تىرىشىپ خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىش، بىلىم ـ قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشنىڭ ئەڭ قەدىر-قىممەتلىك، ئەڭ بەختلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم».

«ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر كۆرۈنۈشتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندەك تۇرسىمۇ ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ كىشىلىك ھوقۇققا قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنى ھوقۇق-مەنپەئىتىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇندى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن ئېيتقاندا، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تۇرمۇشنىڭ بەختلىك بولۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق!» دېدى شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنى ساقچىلارنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرۈش ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چېن يافېي غەزەپلەنگەن ھالدا.

سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدىكى سەككىز ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋەكىلى ئۆزىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپ ئىچى-سىرتىدىكى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» دېگەن بىمەنە سەپسەتىسىگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭدا ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەربىر تامچە تەرى، ھەربىر تىرىشچانلىقىنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتلەندى، قىممىتى نامايان بولدى، جاۋابقا ئېرىشتى، مەيلى ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر قانداق قارا چاپلىسۇن، بوھتان چاپلىسۇن، ھېچقايسىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ، دوستانە ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ـ ياردەملىشىدىغان، ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.