ئاممىنىڭ بەخت ھېكايىلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، مول مەزمۇنلۇق كۈسەن مەدەنىيىتىدىن بەھرىلىنىش

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون كۇچا شەھىرى مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

ئاممىنىڭ بەخت ھېكايىلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، مول مەزمۇنلۇق كۈسەن مەدەنىيىتىدىن بەھرىلىنىش

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون كۇچا شەھىرى مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئالتە ئامما ۋە بىر مەدەنىيەت خىزمەتچىسىنى ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پاكىت ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر بوھتان چاپلاپ قىلغان شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» «مەدەنىيەتنى يوقىتىش» مەۋجۇت قاتارلىق يالغان ـ ياۋىداق سۆزلەر، بىمەنە سەپسەتىلەرگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى.

كۇچا شەھىرى ئىشخلا بازىرىدىن كەلگەن نۇرمەمەت توختىنىڭ بىر ئوغۇل، بىر قىزى بار. قىزى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، نۇرمەمەت مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقىنىڭ يىراقلىقىنى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى، بېسىمنىڭ چوڭلۇقىنى، ئۆزى دېھقان بولغاچقا، قىزىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يىتەكچىلىك قىلىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئويلىشىپ، ئۇنى مەكتەپتە ياتقۇزۇپ ئوقۇتتى. قىزى ئوقۇغان ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپتە ياتاق ھەقسىز، ياتاق بىناسىدا تېلېفون، سۇ ئىسسىتقۇچ، سۇ ئىچىش ماشىنىسى بار بولۇپ، شارائىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى.

«بۇ يىل قىزىم شەندۇڭ داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ئائىلىدىكى ھەممىمىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق.» نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: بالىلارنى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۆزىمىزنىڭ تاللىشى، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئاساسسىز پىتنە ـ ئىغۋا توقۇپ بوھتان چاپلىشى ھەقىقەتەن نومۇسسىزلىق.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ قۇرۇق مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى تېتىپ بېقىڭلار» دېدى كۇچا شەھىرى ئاقئۆستەڭ يېزىسى بوستان ياڭاق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇراخمان كىبىر قىزغىنلىق بىلەن يىغىنغا قاتناشقانلارغا تونۇشتۇرغاچ. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئادەم سانى دەسلەپكى 12 كىشىدىن تەرەققىي قىلىپ 287 كىشىگە يەتتى، بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتىكى بارغانسېرى كۆپ كىشى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتى. بۇلتۇر، ھەمكارلىق كوپىراتىپى توردا ۋە تور سىرتىدا 2200 توننا ياڭاق ساتتى، سېتىش سوممىسى 28 مىليون 100 مىڭ يۈەنگە، پايدىسى 3 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ھەممەيلەننىڭ ھەميېنى پۇلغا لىق تولدى. ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دەپ پىتنە ـ ئىغۋا توقۇدى، بۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ بىمەنىلىك. مەن ۋە كوپىراتىپ ئەزالىرى ئۆز تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق پۇل تېپىپ، ياخشى كۈن كەچۈرۈۋاتىمىز، بۇ قانداقمۇ مەجبۇرلاش بولسۇن؟

شوخ مۇزىكىغا ئەگىشىپ، كۇچا شەھەرلىك كۈسەن مۇزېيىنىڭ مۇزېي باشلىقى ما لىلى نەق مەيداندا كۇچا سەنىمى ئوينىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىدىن جەمئىي 146نى قېزىپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىل خاراكتېرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلەر مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى، يەتتىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى، كۇچا سەنىمى قاتارلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي خاراكتېرى، مىللەت خاراكتېرى، بەدىئىيلىك خاراكتېرى، دەۋر خاراكتېرىنى دەلىللەيدىغان زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەر ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى.

پىتنە ـ ئىغۋا توقۇپ بىزنى «<مەدەنىيەتنى يوقاتتى> دېيىش ھەقىقەتەن ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈگەنلىك!» ما لىلى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز كۆڭۈل قويۇپ قوغدىلىۋاتىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىپ زورىيىۋاتىدۇ، يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىدىغان ئامېرىكا ۋە غەربتىكى ئاشۇ جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر، ئاغزىڭلارنى يۇمۇڭلار!

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كۇچا شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى مەمەت تۇراپ مۇنداق تەكلىپ قىلدى: بۈگۈنكى كۇچادا جەمئىيەت ئىناق، خەلق بەختلىك، ئاساسقا، ھاياتىي كۈچكە ئىگە، تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. كەلگۈسىدىكى كۇچا ئۈمىدكە تولغان، ئىستىقبالى پارلاق، ئارزۇسى، يوشۇرۇن كۈچى بار. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى دوستلارنى كۇچاغا كېلىپ، كۇچانىڭ مول مەزمۇنلۇق تارىخىي مەدەنىيىتىدىن بەھرىلىنىشكە، كۇچانىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ھېس قىلىپ بېقىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز.