«بىز قۇياش نۇرى ئاستىدا خاتىرجەم توپ تېپىۋاتىمىز»

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا ئائىت مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

«بىز قۇياش نۇرى ئاستىدا خاتىرجەم توپ تېپىۋاتىمىز»

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: 20 مېتىر يىراقلىقتىن تېپىلگەن توپ ۋاراتاغا دەل كىردى. 21 ياشلىق قەشقەرلىق يىگىت نۇرمەمەت شېرىپنىڭ پۇتبول ئارزۇسىغا ئىنتىلىش ھېكايىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى. ھازىر ئۇ بىر كەسپىي پۇتبولچى بولۇپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

11-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا ئائىت مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋەكىللىرى ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەردىن بولۇپ توققۇز كىشى سىن ئارقىلىق پۇتبول توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى بايان قىلدى.

مەيلى ئېتىزلىقتىكى بوش يەردە بولسۇن ياكى چىملىق مەيداندا بولسۇن، نۇرمەمەت پۈتۈن زېھنى بىلەن توپ تېپىدۇ. ئۇنىڭ بارلىق ئوي-خىيالى دوۋيىن نومۇرىدىكى ئىمزاغا يېزىلغان − «پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان شىنجاڭلىق يىگىت» دېگەن سۆزگە مۇجەسسەملەنگەن.

نۇرمەمەتنىڭ ئۆيى كونا شەھەر ناھىيەسى سايباغ يېزىسى يۇقارقى كاپا كەنتىدە. ئادەتتىكى چاغلاردا، ئۇ ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى تىرېنېرى بىلەن بىللە يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ توپ تېپىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە، كەنتتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى پۇتبولنى ياخشى كۆرۈپ قالدى.

«شىنجاڭدا پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان بالىلارنىڭ ھەممىسى ئارزۇسىنى قوغلىشالايدۇ.» ئېلزات سابىر ئىلگىرى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. كوماندىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ كوماندا ئەزالىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆسمۈرلەر پۇتبول مەشىق كۇرسى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ پۇتبول ئارزۇسىنى داۋاملاشتۇردى. ھەر قېتىم مەشىق مەيدانىدىكى بالىلارنىڭ خۇشال سىيماسىنى كۆرگەندە، ئېلزات چەكسىز سۆيۈنۈپ: «ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، چوقۇم ۋەتەنگە شان-شەرەپ كەلتۈرەلەيدۇ!» دېدى.

«مەن بۇنىڭدىن كېيىن پۇتبول تېپىشنى ياخشى كۆرىدىغان پۇتبولچى يىگىت بولىمەن. بىراق، پۇتبولچى يىگىت دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟» چۆچەك شەھىرىدىكى ئالتە ياشلىق ئوغۇل بالا ئارسىلان ئايقىننىڭ ساددا سۆزلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدىكىلەرنى كۈلدۈرۈۋەتتى. ئارسىلان پۇتبولغا بەك ئامراق بولۇپ، لەپىلدەپ ياغقان قارمۇ بۇ شوخ بالىنىڭ توپ تېپىش قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمايتتى. مەكتەپتە پۇتبول دەرسى، ۋالىبول دەرسى، ۋاسكېتبول دەرسى بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئارسىلان كەلگۈسىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشىغا تەلپۈنۈشكە باشلىدى.

مەمەت غەيرەت كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى، شۇنداقلا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان بېكى. سىندا مەمەت ئۆلچەملىك كاۋچۇك يۈگۈرۈش يولى ۋە پۇتبول مەيدانىدا غەم-ئەندىشىسىز چېپىپ يۈرەتتى. مەكتەپتە، ئۇ مۇئەللىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى ۋە سىستېمىلىق مەشىقلەندۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى. «بۇ يەردە ماڭا ئوخشاش پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان بىر توپ كىچىك ھەمراھلىرىم بار، بىز بىللە توپ تەپسەك بەك خۇشال بولىمىز» دېدى مەمەت.

«قۇياش نۇرى ئاستىدا، بىز ھەممىمىز خاتىرجەم توپ تېپىۋاتىمىز» ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ئەنزەرجان ئەسقەر مۇنداق دېدى: كىچىكىمدىن تارتىپلا پۇتبول ئارزۇيۇم بار ئىدى، ئۇزاق مۇددەت جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىر كەسپىي پۇتبولچى بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەتەن ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ پۇتبولغا ئىنتىلىش يولىدىكى كۈچلۈك ئارقا تىرىكى ئىكەن.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى نۇرغۇن قىسقا سىن فىلىملىرىدە ئادەتتىكى ئامما تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قىزغىن قاتنىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر نامايان قىلىندى، بۇ پەقەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر كارتىنىسى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى غەيرەت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى، بولۇپمۇ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە تەرەققىياتىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىگە زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىپ، بىر تۈركۈم ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىدا بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا ھەقىقىي قولايلىق يارىتىپ بەردى.