ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6 ـ قېتىملىق ئەزالار يىغىنى ئېچىلدى

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

ئېلزات ئەخمەتجان ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6 ـ قېتىملىق ئەزالار يىغىنى ئېچىلدى، ئېلزات ئەخمەتجان ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلزات ئەخمەتجان سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسلاھات روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئېلزات ئەخمەتجان مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ چوڭ ۋەزىيەتكە بويسۇنۇش، مۇلازىمەت قىلىشنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش؛ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇش؛ ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ئېلزات ئەخمەتجان مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 2 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپى بويىچە، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.