10 ـ ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 91 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 2021 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 91 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 97 كىشىگە تەنقىد ـ تەربىيە بېرىلدى، ياردەم بېرىلدى ۋە بىر تەرەپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىدىن 33ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىسىدىن 58ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى؛ 95 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك ئىككى كىشى، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك بەش كىشى، يېزا، بۆلۈم دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك 88 كىشى بار.

تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 91 مەسىلىدىن قارىغاندا، «ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماي، قىلىدىغاننى قىلماي، قالايمىقان ئىش قىلىپ، ساختا ئىش قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن» مەسىلە 25 بولۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %75.8ىنى ئىگىلەيدۇ؛ «ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا پاسسىپلىق قىلىش، ئېتىبارسىز قاراپ، زورمۇزور يولغا قويۇش، ئۈنۈم تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلە»دىن سەككىزى بولۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %24.2ىنى ئىگىلەيدۇ. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان «بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داڭلىق، قىممەتلىك، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ۋە سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇللارنى ئېلىش ـ بېرىش» مەسىلىسىدىن 18ى بولۇپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %31ىنى ئىگىلەيدۇ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان باشقا تۈردىكى مەسىلىدىن 18ى بولۇپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %31ىنى ئىگىلەيدۇ.