2-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە پۇتبول ئۆزگىچە يەسلىلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش سىناق نۇقتا تۈرى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

日期:2021年11月25日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭدىن67 يەسلى تىزىملىككە كىردى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە پۇتبول ئۆزگىچە يەسلىلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش سىناق نۇقتا تۈرىتىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن جەمئىي 67 يەسلى بۇ تىزىملىككە كىردى.

2020-يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپلەردە پۇتبولنى ئومۇملاشتۇرۇشتا مۇھىم نۇقتىنى تۆۋەنگە قارىتىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قىزىقىش يېتىلدۈرۈشنى ئاساس قىلغان پۇتبول ئاقارتىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە پۇتبول ئۆزگىچەيەسلىلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش سىناق نۇقتا تۈرى خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭدىنجەمئىي 126 يەسلى تاللانغان. مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تاللانغان يەسلىلەر بالىلارپۇتبولچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىكخىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بالىلارنىڭتەنتەربىيە چېنىقىشى جەريانىدا خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشى، تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى ھەمدە قەتئىي ھالدا مەملىكەت بويىچە پۇتبول ئۆزگىچە يەسلىسىستېماسۇپىسىدىكىدەرسلىكتەتەمىنلەنگەن ئوقۇتۇش سىستېمىسى تەلىپى بويىچە، مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشى زۆرۈر. جۇڭگو پۇتبولچىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى20 مىڭ يۈەن نىشانلىق ئىقتىسادىي ياردەم پۇلىبېرىدۇ، بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش يەسلىلىرىدەنۇقتىدا سىناق قىلىپ ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.