يېڭىچە دېھقاننىڭ «قۇمدا ئۆستۈرۈش» ئارزۇسى

日期:2021年11月25日
来源:天山网
【字体:

[سۈرەتلىك ھېكايە]

11-ئاينىڭ 15-كۈنى،تيېمېنگۇەن شەھىرى جيامۇ باغۋەنچىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ پارنىكىدا، لى زىفەن مېۋىلىك دەرەخ تەشتەك مەنزىرىسىنى كۆرسەتمەكتە.

11-ئاينىڭ 15-كۈنى، تيېمېنگۇەنشەھىرى جيامۇ باغۋەنچىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ پارنىكىدا، لى زىفەن تېمىتىپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرمەكتە.

تىيانشان تورى خەۋىرى(دۇ جيەنخۇي خەۋىرى، فوتوسى) 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، لى زىفەن باشقۇرۇۋاتقان پارنىكقا كىرگىنىمىزدە، تەشتەك-تەشتەك شوخلا پېلەكلىرىدە قىپقىزىل شوخلىلار چۈشكەن ئىدى، پىشىش ئالدىدا تۇرغان ئەنجۈرلەر ئېغىزغا سېرىق سۇكەلتۈرەتتى، يۇمران بۆلجۈرگەنلەر ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قۇمىدا ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى 25 ياشلىق يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەنداشۆ ئوقۇغۇچىسى __ تيېمېنگۇەنشەھىرى جيامۇ باغۋەنچىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لى زىفەننىڭ ئەجرىدىن كەلگەنئىدى.

لى زىفەن داشۆنى پۈتكۈزۈپ پىراكتىكا قىلىۋاتقاندا، ئويلىمىغان يەردىن «قۇمدا ئۆستۈرۈش» تېرىقچىلىقى بىلەن ئۇچراشتى، شۇنىڭ باشلاپئۇنىڭئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى باشلاندى.

2019-يىلى، لى زىفەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى تيېمېنگۇەنشەھىرى بوگۇچى بازىرىغا كېلىپ، 45 مو يەرگە قۇمدا ئۆستۈرۈش تەجرىبە باغچە رايونى قۇرۇپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش سەپىرىنى باشلىدى.

لى زىفەن مۇنداق دېدى: «قۇمدا ئۆستۈرۈش» تېرىقچىلىق تېخنىكىسىدا قۇمقاچىغا قاچىلىنىپ، سۇ قۇيۇپ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز سىستېمىسىمۇقىملاشتۇرۇلىدۇ، ئۆسۈملۈكنىئۆستۈرۈش جەريانىدا، ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىگە كېرەكلىك مىكرو ئېلېمېنتلارغا ئاساسەن، مۇۋاپىق نىسبەت بويىچە تەڭشەلگەن ئوغۇت بېرىلىدۇ، ئاندىن سۇ، ئوغۇت بىر گەۋدىلەشكەن تېمىتىپ سۇغىرىش سىستېمىسى ئارقىلىق، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى نورمال ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

«قۇم ناھايىتى پاكىز، بۇلغانمىغان، تېرىغان مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى يېشىل مەھسۇلات، كۈچھەم پۇلنى تېجىگىلى بولىدۇ» دېدى لىزىفەن.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، لى زىفەن مۇناسىۋەتلىكتەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، توپا يۆلەپيىلتىزىنى تۈزەپ تەشتەك ئالماشتۇرۇش، تېمپېراتۇرىنىئەقلىي ئىقتىدارلىق كونترول قىلىش، يورۇقلۇقنى تەڭشەش، چاتاپ بالدۇر مېۋىگە كىرگۈزۈش، پەسىلسىز ئۆستۈرۈش قاتارلىق يەتتە چوڭ تېخنىكىدا دەسلەپكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

10-ئايدا، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسىنىڭ لى زىفەننىڭ «قۇمدا ئۆستۈرۈش» تېخنىكا نەتىجىسىگە«كۆزى چۈشۈپ»، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ، لى زىفەنگە بۇ يېزىدىكى زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپ باغچىسىنىڭ 23پارنىكىنى باشقۇرۇشقا بەردى. پارنىكقا سۇ، ئوغۇت بىر گەۋدىلەشكەن سىستېما، ئاپتوماتىك تېمپېراتۇرا كونترول قىلىش سىستېمىسى ۋە ھاۋا، تۇپراق سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆزىتىش سىستېمىسى سەپلىنىپ، يان تېلېفون يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ھازىر، لى زىفەن ئاساسلىقى «قۇمدا ئۆستۈرۈش» ۋە قاچىغا قوغۇن-تاۋۇز، كۆكتات تېرىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى قىلىۋاتىدۇ. قاچىدا ئۆستۈرۈلگەن مېۋە-چېۋە، كۆكتات تەشتەك مەنزىرىسىنىڭ ھەم مېۋىسىنى ئۈزۈپ يېگىلى بولىدۇ، ھەم ئۇنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى