يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ «تور بىلەن ئۇچرىشىشى» ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلەتتى

日期:2021年11月25日
来源:天山网
【字体:

− شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى تەرەققىياتىنى كۆزىتىش (1)

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى خېي خۇڭۋېي، تويا

يېقىندا، شىنجاڭ داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنى بىلەن شىنجاڭ رەقەملىك ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى بىرلىشىپ تۈزگەن «شىنجاڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى (2021)» ئېلان قىلىندى. «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 ـ يىلى شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كارخانىلار ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %51.38كە، ئۆزى قۇرغان تور پونكىتىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %48.99كە يەتكەن، ھەمكارلاشقان ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىلىرىدىن ئاساسلىقى تاۋباۋ، تيەنماۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %60.27، %47.95، %47.95نى ئىگىلىگەن.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كارخانىلار بەس ـ بەستە «تور بىلەن ئۇچرىشىپ»، ئېلېكتىرونلۇق سودا يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سېتىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنىڭ داڭقىنى يەنىمۇ چىقىرىپ، سودىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى.

بازارنى كېڭەيتىش توردا سېتىشنى راۋاجلاندۇرۇش

11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، مۇخبىرلار سانجى شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ دامو پياۋشياڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش كۆرگەزمە رايونىغا كىردى، كۆرگەزمە سۇپىسىدىكى قىزىلگۈل سۈت نېنى، نان قۇتۇرماچ قاتارلىق مەھسۇلاتلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، ساتقۇچى خادىملار بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق نان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋاتاتتى.

دامو پياۋشياڭ شىركىتى 2018 ـ يىلى 10 ـ ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئىزچىل توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلەشتۈرۈلگەن سېتىش ئەندىزىسىنى قوللاندى. نۆۋەتتە، ئېلېكتىرونلۇق سودا سېتىش سوممىسى شىركەتنىڭ سېتىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %40ىنى ئىگىلىدى.

«شىركەت ئەنئەنىۋى ھۈنەر ـ سەنئەت بىلەن زامانىۋى ئىدىيەنى يۇغۇرۇپ، ناننىڭ تەمى ۋە سۈپىتىنى ياخشىلىدى، تەتقىق قىلىپ چىققان نان مەھسۇلاتلىرى تيەنماۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى.» بۇ شىركەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى ۋېيشيا مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يېڭى مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، يېڭى بازارلارنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شىركەتنىڭ ھەرقايسى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بايراقدار دۇكانلىرىنى ياخشى قوغدىغاندىن سىرت، يەنە مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش رىياسەتچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ بازارنى كېڭەيتىمىز».

بۈگۈنكى كۈندە، ئېلېكتىرونلۇق سودا شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مۇھىم سېتىش يولىغا ئايلاندى. «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2019 ـ يىلىدىن 2021 ـ يىلىغىچە، شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتىدە، ئۆزى قۇرغان تور بېكىتى ئارقىلىق مەھسۇلات ۋە داڭلىق ماركىنى ئومۇملاشتۇرغان كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىدە، 3 ـ تەرەپ سۇپىسىدا توردا سېتىشنى قانات يايدۇرغان كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىدە بىردەك ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

بۇ يىل، شىنجاڭ شىيۈچۇن سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ، سېتىش سوممىسىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30تىن كۆپرەك ئاشۇردى. «شىركەت بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپلىگەن شەھەردە سوغۇق زەنجىرلىك ئامبار قۇرۇپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلارنىڭ كېڭىيىشىنى تېزلەتتى.» بۇ شىركەت ئېلېكتىرونلۇق سودا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ شىنتاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىز شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارنىڭ شىنجاڭنىڭ كالا سۈتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۈزلەندۈرىمىز».

«دوكلات»نى ئاساسلىق يازغۇچى، شىنجاڭ داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چېن بىڭ مۇنداق بىلدۈردى: چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كارخانىلار بۇلۇت تېرمىنالى ھەمتۈرتكە بولۇش، سانلىق مەلۇماتلارنى بىرلەشتۈرۈش، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا سېتىلىشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئوبوروت شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ماركىنى تونۇتۇپ مەھسۇلاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش

«جىڭدۇڭ، تيەنماۋ قاتارلىق ھەرقايسى چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىغا ماكانلىشىش ئارقىلىق ماركىمىزنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ئۆسۈپلا قالماي، مەھسۇلاتنىڭ توردىكى سېتىلىش مىقدارىمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى، خېرىدارلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تور سىرتىدىكى سېتىشقا تۈرتكە بولدى» دېدى شىنجاڭ شىنتيەنجۈن ئۇن چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى جېڭ جۇڭ.

بۇ يىل، شىنتيەنجۈن شىركىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دوۋيىن سۇپىسىغا ماكانلاشتى ھەم بىۋاسىتە كۆرسىتىش كوللېكتىپى بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. «نۆۋەتتە، مەھسۇلاتنى توردا تەكرار سېتىۋېلىش نىسبىتى %90كە يەتتى.» جېڭ جۇڭ مۇنداق دېدى: شىركەت يەنە ۋاقتىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا قايتما ئىنكاسىغا ئاساسەن، تەتقىق قىلىپ ئېچىشتىن ئوراپ قاچىلاشقىچە بولغان ھەرقايسى ھالقىلاردا يېڭىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقايسى چوڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، تۈجۈپىلەنگەن، كۆلەملەشكەن زاكازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللاندى ھەم تور سۇپىسى ئارقىلىق بازارنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش زىچ جىپسىلاشتۇرۇلغان كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر تۈركۈم باغلىنىشلىق كەسىپلەر، يانداش كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات مۇساپىسىنى تېزلەتتى.

شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيوپەن ـ تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تۆگە باقمىچىلىقىدىن تۆگە سۈتى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشقىچە كۆلەملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەتنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردە ئاچقان مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ۋە مەخسۇس سېتىش نۇقتىسى 2000دىن ئاشتى.

2019 ـ يىلى، ۋاڭيۈەن گۇرۇھى ئېلېكتىرونلۇق سودا بۆلۈمى قۇرۇپ، مەھسۇلاتلىرىنى جىڭدۇڭ، تيەنماۋ قاتارلىق سۇپىلارغا كىرگۈزدى. «ئىستېمالچىلار ئۆزىمىز قۇرغان مىكرو سودا شەھەرچىسىدىن مەھسۇلات سېتىۋالسا بولىدۇ، بۇ، سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن مەملىكەت بازىرىدا ماركىمىزنى تونۇتتى.» بۇ شىركەت ماركا تەشۋىقات مەركىزىنىڭ باش نازارەتچىسى لى جېنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭيۈەن گۇرۇھى تۆگە سۈتى مەھسۇلاتلىرى كەسپىدىن گىرىم بۇيۇملىرى، تۆگە تىۋىتى توقۇمىچىلىقى، تۆگە گۆشىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، بىيودورىگەرلىك قاتارلىق كەسىپلەرگە قاراپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىنى تىرەك قىلغان تۆگە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىدۇ.

بىر ـ بىرىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سېتىش سېپىنى شەكىللەندۈرۈش

«<قوش 11> كۈنىدە، ئېلېكتىرونلۇق سودا يولى ئارقىلىقلا بىزنىڭ سېتىش سوممىمىز 100 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى. لوپنۇر ناھىيەسىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش كوللېكتىپىنىڭ بىزگە ياردىمى بەك چوڭ بولدى» دېدى شىنجاڭ لوپنۇر كەنتى بىيوپەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى فېڭ شياۋلۇڭ.

بۇ يىل، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇر بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىتتىپاقى كوللېكتىپىنى قۇردى ھەم يۈرۈشلۈك «لوپنۇر سوۋغىسى» توردا ئالقىشلانغانلار توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. «بىز تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق رايون، كەسىپ ھالقىپ بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سەپ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتۇق» دېدى لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى جوۋ بو.

ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى رولى ناھايىتى چوڭ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۆستۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇش، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش ـ يەتكۈزۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، پۇختىلاش، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلىرىنى توپلاش سىستېمىسىنى زورايتىش، كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭ شىيۈ چۇەنچى تور پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2016 ـ يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى ماركىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقارغان ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كارخانىسى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىيۈ چۇەنچى شىركىتى شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار 100دىن ئارتۇق كارخانىنى سۈپەتلىك ماركا ئارقىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تور دۇكىنى ئېچىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، سېتىش يوللىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى فەن شېڭۋاڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، بىز بەشتىن ئونغىچە ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي بازىسى قۇرۇپ، ئۈچتىن بەشكىچە بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كارخانىلارنى ئالاقىدار مۇلازىمەت بىلەن تېخىمۇ ياخشى تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا چىقىرىمىز».

چېن بىڭ مۇنداق قارىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشى، ئەمما بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر گەۋدىلىك بولغىنى ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش، مەبلەغ يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىقلار. چېن بىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كارخانىلار تەربىيەلەشكە پائال تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئادەم كۈچى كاپىتالىنى توپلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلارمۇ توردا ئالقىشلانغانلار، رىياسەتچىلەرنى پائال يېتىشتۈرۈپ، يېتىلدۈرۈپ ياكى كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە دېھقان ئائىلىلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشنى رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.