ياپونىيە خەلقىگە شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بايان قىلدى

日期:2021年11月25日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگونىڭ دابەندە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى «جۇڭگونى چۈشىنىش» تېمىسىدىكى تور يۈرۈشلۈك ئوچۇق مۇنبىرى لېكسىيەسى ئۆتكۈزدى

ياپونىيە خەلقىگە شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بايان قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، جۇڭگونىڭ دابەندە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى «جۇڭگونى چۈشىنىش» تېمىسىدىكى تور يۈرۈشلۈك ئوچۇق مۇنبىرىنىڭ 7 ـ قارارلىق لېكسىيەسىنى ئۆتكۈزدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ بىلەن ئېلىجان ئانايەت «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى ھەم ياپونىيە ئاممىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ياپونىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، ئىقتىساد ساھەسىدىكى زاتلار، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى قاتارلىق 100دىن كۆپرەك كىشى توردا قاتناشتى ياكى بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆردى.

جۇڭگونىڭ دابەندە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى شۆ جيەن مۇنبەرنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى خەۋەرلىرى ۋە ئاممىۋى پىكرى بىلەن ئەمەلىي ئەھۋال ئوتتۇرىسىدا غايەت زور پەرق مەۋجۇت بولۇپ، پاكىتقا زىت سەپسەتە تارقاتتى، ياپونىيە خەلق ئاممىسىنى ھەقىقىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش مۇمكىن بولمىدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەر ئارقىلىق، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ساداسىنىڭ ياپونىيە خەلق ئاممىسىغا ئەينەن يەتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇنبەردە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلار تونۇشتۇرۇلدى ھەم نۆۋەتتە ياپونىيە جەمئىيىتى دىققەت قىلىۋاتقان «تەلىم ـ تەربىيە مەركىزى» «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى» قاتارلىق ئەھۋاللار تەپسىلىي بايان قىلىندى.

«تەلىم ـ تەربىيە مەركىزى بولسا بىر مەكتەپ.» شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: كەسكىن، مۇرەككەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ئالدىدا، شىنجاڭ «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم ـ تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشى بارلارنى ئەڭ زور چەكتە قۇتقۇزۇپ، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى يوقاتتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا بەش يىلغا يېقىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى ئىشقا ئاشتى.

ياپونىيەلىك بىر قاتناشقۇچى مۇنداق سوئال سورىدى: شىنجاڭدا «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش» مەسىلىسى مەۋجۇت دەپ تەسۋىرلەنگەن بىر قىسىم كىتابلار ياپونىيە كىتابخانىلىرىدا سېتىلىۋاتىدۇ، كىتابتىكى كۆز قاراشلار بىلەن ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ماس كېلىدىغان ـ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ باققۇم بار. ئېلىجان ئانايەت مۇنداق دېدى: بۇ كىتابلاردىكى مەزمۇنلار پۈتۈنلەي يوق يەردىن پۇتاق چىقارغانلىق، پىتنە ـ ئىغۋا توقۇپ، تۆھمەت قىلغانلىق. ئۇ مۇنداق دېدى: چېگرا سىرتىدىكى بەزى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلاش ئۈچۈن، پۈتۈن ھىيلە ـ مىكرىنى ئىشلىتىپ، بىر تۈركۈم ھېكايە، ھەجۋىي رەسىم قاتارلىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭغا تۆھمەت قىلدى، مەسىلەن، ياپونىيەلىك ھەجۋىي رەسىم سىزىدىغان رەسسام شىنجاڭغا ئالاقىدار ھەجۋىي رەسىملەرنى ئېلان قىلىپ، مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ تەلىم ـ تەربىيە مەركىزىدىكى «كەچۈرمىش»ىنى تەسۋىرلىدى. ئەمەلىيەتتە، مېھرىگۈل تۇرسۇن ئەزەلدىن ھېچقانداق تەلىم ـ تەربىيە مەركىزىدە ئوقۇپ باقمىغان، ئۇنىڭ يالغان ـ ياۋىداق سۆزلىرى ئاللىقاچان ئېچىپ تاشلانغان، ياپونىيەدىكى بەزى يازغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى سىياسەتۋازلار تەرىپىدىن يەنە پايدىلىنىپ كېتىلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ياپونىيە تەرەپنىڭ شىنجاڭدىكى كەسىپلەرنىڭ توسۇشقا ئۇچرىغانلىقىدەك ئەھۋالغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىغا قارىتا، شۈ گۈيشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، پاختىكارلارنىڭ ھوسۇلى ئېشىپ، كىرىمى كۆپەيدى، ئاتالمىش چەكلەش پۈتۈنلەي بىر پارچە كېرەكسىز قەغەز. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلگەن ئەمەس، بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسەت، پەقەت شىنجاڭدىكى كەسىپلەرنى بېسىپ، بۇ ئارقىلىق «ئىشسىز قېلىشقا مەجبۇر بولۇش» «نامراتلىشىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا ۋە جەمئىيەتتە داۋالغۇش پەيدا قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، شىنجاڭنى يەنە ئىلگىرىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)لىرى كۆپ يۈزبېرىدىغان، ئۈزۈلمەي يۈز بېرىدىغان مەزگىلگە قايتۇرۇش، ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل سۇيىقەست ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

«بىز ياپونىيەلىك دوستلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشقا، كۆرۈپ بېقىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز.» شۈ گۈيشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىرغىچە 60 مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردۇق، شۇنداقلا كۆپ تۈركۈم چەت ئەل ئەلچىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدۇق، ئۇلار بىردەك شىنجاڭدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەسۋىرلىگىنى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۆ جيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: دابەندىكى باش كونسۇلخانا تور بېكىتى «شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش كۆزنىكى» تەسىس قىلىپ، ياپونىيەدىكى يەرلىك خەلق ئاممىسىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدۇ، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باش كونسۇلخانا شىنجاڭ تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ، تىزىمغا ئالدۇرغانلارنى شىنجاڭغا بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.