ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 149 ـ قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

日期:2021年11月25日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 ـ قېتىملىق يىغىنىنى مۇشۇ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ، پىراكتىكانت لى جىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 149 ـ قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 ـ قېتىملىق يىغىنىنى مۇشۇ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30 ـ قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 ـ قېتىملىق يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى قاراپ چىقىشقا سۇنغان «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)» توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ؛ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپى، تۇرپان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «تۇرپان شەھىرىنىڭ شەھەر ـ يېزا مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپى، قاراماي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «قاراماي شەھىرىنىڭ ئىت بېقىشنى باشقۇرۇش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى تەكشۈرۈلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2020 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم ـ چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2021 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسى (دەسلەپكى لايىھە) توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ سوت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەرز ـ شىكايەتلەرنى تەپتىش قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىش پىكرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئارىسىدا «شانلىق 100 يىلدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، 10 مىڭ ۋەكىل 10 مىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 ـ يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايونىمىزدىن 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى تولۇقلاپ سايلاش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ؛ كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ـ قالدۇرۇش ئىشلىرى قاراپ چىقىلىدۇ.

يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھەق تەلەپ سوت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئەھۋالى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئەرز ـ شىكايەتلەرنى تەپتىش قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى قاراپ چىقىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى.