ئېتىز باشلىرىدا لېكسىيە سۆزلەش قىزىپ كەتتى، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىشەنچى تولۇپ تاشتى

日期:2021年11月25日
来源:天山网
【字体:

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بېيىش باشلامچىلىرى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر خىل شەكىللەر بىلەن پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى، پاراڭلىشىش، ئۆزگىرىشنى سۆزلەش، تەرەققىيات ئۈستىدە توختىلىش ئارقىلىق كەڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىشەنچىنى كۈچەيتتى.

ساڭ رۇي ماناس ناھىيەسى ليۇخۇدى بازىرى ياڭجياداۋ كەنتىدىكى بېيىش باشلامچىسى، ئۇ ھەر يىلى قىشتىكى بوش ۋاقىتتا كەنت ئاھالىلىرىنى تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەيدۇ. بۇ ئىككى كۈندە، ساڭ رۇي كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

ليۇخۇدى بازىرى قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بازار يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئېكولوگىيەنى تۈزەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق، دېھقانلارنى 2000 مو يەردە ماشىنىلاشقان ئۇسۇلدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، قۇملۇققا يېشىل تون كىيگۈزدى.

11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كەنت ئاھالىسى خۇ ۋېنشۇاڭنىڭ ئېتىزى يېنىدا، ساڭ رۇي خۇ ۋېنشۇاڭنىڭ ئائىلىسىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى ئىگىلىگەچ مۇنداق دېدى: «كەنتىمىزدە ئىلگىرى قۇم ـ بوران چىقسا، كىشىلەر كۆزىنى ئاچالمايتتى، تۈزەش ئارقىلىق ھازىر قۇم ـ بورانلىق كۈن ئازىيىپ، ھەممە ئائىلە بېيىدى. بىز ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، بېيىش يولىغا ئورتاق ئاتلىنىمىز».

11 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، مۇخبىرلار بورتالا شەھىرىنىڭ ئوتبۇلاق بازىرى گىندىن يېڭى كەنتىدىكى يىنما جۇاڭيۈەن دېھقانلار ئارامگاھىغا كېلىپ، بۇ دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى ما يىنيىننىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆردى. «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن ـ كۈنگە ياخشىلاندى، بىز ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ئالقىشلايمىز، بۇ بەختلىك دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. كۆپچىلىك قول تۇتۇشۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۈچىنى قوشۇشى كېرەك» دېدى ما يىنيىن.

گىندىن يېڭى كەنتى بورتالا شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپى كەنتى بولۇپ، يېقىنقى ئىككى يىلدا نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى دېھقانلار ئارامگاھى، خاس پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىش ئارقىلىق بېيىدى. نۆۋەتتە، بۇ كەنتتە 12 دېھقانلار ئارامگاھى، 30 خاس پۇقراۋى قونالغۇ بار بولۇپ، بۇ يىل بۇ كەنت بورتالا شەھىرىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

«بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز تەستە قولغا كەلگەن، بىز تېخىمۇ تىرىشىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تېخىمۇ ياخشى قۇرىمىز.» 11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، لوپ ناھىيەسى لوپ بازىرى دۆۋەت كەنتىدىكى لوپ ناھىيەسى لۈنۇڭ باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ياسىن مەتتۇرسۇن كوپىراتىپ ئەزالىرى بىلەن بىللە پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئۆگىنىۋاتاتتى، ئالماشتۇرۇۋاتاتتى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدا، بىز ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، تۇرۇبا سۈيى ئىشلەتتۇق، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندۇق. ھازىرقى ياخشى تۇرمۇش بۇرۇن چۈشۈمگىمۇ كىرمەيتتى، بىز پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز، شۇنداقلا ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشنى تېخىمۇ قەدىرلەيمىز» دېدى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى ئىمىنتوختى مەتروزى ھاياجانلانغان ھالدا.

(مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گو چيەن، جاڭ جىلى، رايىدە)