ئادەم بىلەن سۇ بىللە ياشىدى قۇشلار بەس ـ بەستە سايرىدى

日期:2021年11月25日
来源:天山网
【字体:

بورتالا ئوبلاستى:

ئادەم بىلەن سۇ بىللە ياشىدى قۇشلار بەس ـ بەستە سايرىدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، كاڭ خاۋيەن

«تۈنۈگۈن، مەن دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى سوغۇق سۇ بېلىقى باغچىسىدا بېلىقلارنىڭ بەخىرامان ئۈزۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم؛ بۈگۈن، مەن دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى بىنخې باغچىسىدا قۇشلارنىڭ پەرۋاز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. قەھرىتان قىش پەسلىدە، مېنىڭ يۇرتۇمدا ئوخشاشلا بىر پارچە گۈزەل ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمى نامايان بولماقتا» دېدى 11 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى بورتالالىق قىز تۇيا پەخىرلەنگەن ھالدا.

تۇيا چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان بۇ دەريا بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى بورتالا دەرياسى.

«ئېكولوگىيەنىڭ ياخشى ـ ياخشى ئەمەسلىكىگە ئاق قۇلارنىڭ دېگىنى ھېساب.» «ئېكولوگىيەنىڭ قانداقلىقىغا شىنجاڭ شىمال سەمەندەرىگە قاراش كېرەك.» بورتالا دەرياسى ئېقىن رايونىنى زىيارەت قىلغاندا، شۇ جايدىكى نۇرغۇن كىشى مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

بورتالا شەھىرىدىكى بىنخې باغچىسى بورتالا شەھەر ئاھالىلىرى بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئارام ئالىدىغان، سەيلە ـ ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جاي. باغچىغا كىرمەي تۇرۇپلا، يىراقتىن كەڭ كەتكەن سۇ يۈزى ۋە قويۇق ئۆسكەن قومۇشلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئاق قۇ، ياۋا ئۆردەك قاتارلىق سۇ قۇشلىرىنىڭ يېقىملىق سايراشلىرىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. دائىم كېلىپ ئاق قۇ بىلەن «ئۇچرىشىدىغان» پېنسىيەگە چىققان كادىر ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: بورتالا دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئاق قۇ قاتارلىق سۇ قۇشلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى.

بورتالا ئوبلاستى بورتالا دەرياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېبنۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى رايون ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈپتىن ياخشىلاش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر قىلىپ، ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش نىزامى»نى چىقىرىپ، دەريالارنى چارلاش، كۆللەرنى چارلاشنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ناھىيە، شەھەر ۋە يېزا ـ بازارلاردا يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى كۆمۈش مەيدانلىرىنى زور كۈچ بىلەن قۇردى...

كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى چەكلەش، سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەش قاتارلىق بىر قاتار ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بورتالا دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.

بۇ يىل، بورتالا ئوبلاستى كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش، تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللەش ئاساسىدا، ئوبلاستنى ئېكولوگىيە ئارقىلىق قۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، بورتالا دەرياسى ئېكولوگىيە مەدەنىيەت كارىدورىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرىنى قوزغىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، بورتالا دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىگە ۋە خەلقنى بېيىتىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا كۈچ چىقاردى.

بورتالا شەھىرىنىڭ نەنچېڭ رايونىدا، 15 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بورتالا دەرياسى ئېكولوگىيە مەدەنىيەت كارىدورى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مەسئۇلى چياۋ خۇڭلىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل 5 ـ ئايدا ئىش باشلانغان، مۆلچەرلىنىشىچە 2023 ـ يىلى 10 ـ ئايدا تاماملىنىدۇ. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ئېكولوگىيە مەدەنىيەت كارىدورى قورشاۋ تېمى بولمىغان تەبىئەت، مەدەنىيەت مۇزېيىغا ئايلىنىدۇ.

ئارشاڭ ناھىيەسىدىمۇ 15 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بورتالا دەرياسى ئېكولوگىيە مەدەنىيەت كارىدورى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلماقتا. «بىز 14 تۈرنىڭ 12سىنى تاماملاپ بولدۇق، بۇنىڭغا 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، بۇ پىلاندىكى ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %92ىنى ئىگىلەيدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئىش مۇددىتىنى تەتۈرسىگە تىزىپ، پۈتمىگەن تۈرلەرنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ئالغا سىلجىتىپ، بارلىق تۈرلەرنىڭ ئۆز قەرەلىدە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ خەي.