قارلىق ئېگىزلىكتە يىلتىز تارتقان ئالاھىدە جەڭ قىلغۇچى سەرخىل ئەسكەر

日期:2021年11月23日
来源:天山网
【字体:

ئايدىن تۇرسۇنبېك:

قارلىق ئېگىزلىكتە يىلتىز تارتقان ئالاھىدە جەڭ قىلغۇچى سەرخىل ئەسكەر

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇاڭ زۇڭشىڭ

ئايدىن تۇرسۇنبېكنى تۇنجى كۆرگىنىمىزدە، ئۇ ئەمدىلا ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشىق قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىن قايتىپ كەلگەن بولۇپ، تېرىسى كۈچلۈك ئۇلترا بىنەپشە نۇردا قىزىرىپ كەتكەنىدى، بويى 1.88 مېتىر، ئۇچىسىغا مىسەيفۇ كىيگەن بولۇپ، جەسۇر، قامەتلىك كۆرۈنەتتى.

بەش خىل چەت ئەل تىلىنى پىششىق ئىگىلەش، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن بىر قېتىم 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىش، ئىككى قېتىم 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىش، بەدىنىنىڭ 23 يېرىدە تاتۇق قېلىش... 13 يىللىق ھەربىيلىك ھاياتىدا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم ئالاھىدە جەڭ قىلىش لۈسى ئالاھىدە تېخنىكا ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئايدىن تولۇپ تاشقان سەمىمىيىتى ۋە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدارىغا تايىنىپ، قارلىق ئېگىزلىكتىكى ئالاھىدە جەڭ قىلغۇچى سەرخىل ئەسكەرگە ئايلاندى.

ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلاپ، گازارمىدا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش

ئايدىن بىر قازاق ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، جەمەتىدىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 26 كومپارتىيە ئەزاسى، توققۇز ھەربىي چىققان، تاغىسى ئاۋبەكىر قونقاي يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئۇچقۇچىسى ئىدى.

تاغىسى دائىم گۆدەك ئايدىنغا: «پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى مېنىڭدەك تاغلىق پادىچى بالىغا قانات بېرىپ كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلدۇردى» دەيتتى. پارتىيەنى سۆيۈش، ئارمىيەنى سۆيۈش ئۇرۇقى ئايدىننىڭ قەلبىدە كىچىكىدىنلا يىلتىز تارتقانىدى.

يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قېتىم شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى بىلگەندە، كۆڭلىگە ھەربىي بولۇش ئارزۇسىنى پۈككەن ئايدىننىڭ قەلبى ھاياجانغا تولاتتى. ئۇ كىتاب ئۈستىلىگە ئاستاغىنە «ۋەتەنگە ساداقەتمەنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش، بىر ئۆمۈر ھەربىي بولۇش» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى ئويۇۋالغانىدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، ئۇ شىنجاڭ داشۆ ئىنگلىز تىلى كەسپىگە دۆلەت مۇداپىئە ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ھەربىي بولۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

2008 - يىلى، ئايدىن ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىمغا تەقسىم قىلىندى. «كىتابخۇمار بالىدەك قىلىدۇ، ھەربىي ساپاسى ئاجىز بولۇشى مۇمكىن.» تىزىمغا ئالدۇرغان تۇنجى كۈنى، بۇ تارتىنچاق يېڭى پەيجاڭنى كۆرگەندە، يىڭ، ليەندىكى كادىرلار كۆڭلىدە شۇنداق ئويلىغانىدى.

دەرۋەقە، بەش كىلومېتىرلىق قوراللىق دالا يۈرۈشىدە جابدۇقلىرىنى ئېلىۋېتىپمۇ قوشۇنغا يېتىشەلمەي، ئەڭ كەينىدە قالدى؛ دەرس ئۆتكەندە، جەڭچىلەرنىڭ تەڭلا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، جىددىيلىشىپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى... ئوخشاش تۈركۈمدە ئوقۇش پۈتكۈزگەن پەيجاڭلارنىڭ قوشۇننى ئىنتايىن ياخشى يېتەكلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئايدىننىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى.

«ئەگەر ياخشى ئىشلىيەلمىسەم، پارتىيەنىڭ يېتىشتۈرۈشىگە قانداق يۈز كېلەلەيمەن؟» قاتتىق ھەسرەتلەنگەن ئايدىن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئايدىن ھەر كۈنى بىر سائەت بالدۇر تۇرۇپ، قۇم خالتىسىنى يۈدۈپ، مەشىق مەيدانىنى بويلاپ 5000 مېتىر يۈگۈردى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە قورساق قاتلاش، يەر بېغىرلاش، ئولتۇرۇپ قوپۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلىدى؛ ياز كېچىسى، ئۇ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ئوقۇتۇش لايىھەسى تەييارلىغاندا قول - بويۇنلىرىنى پاشا چېقىپ ئىششىپ كەتتى... ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك، ئايدىن بارا - بارا ئادەتتىكى ياشتىن لاياقەتلىك ھەربىيگە ئۆزگەردى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇ پەيجاڭلار ئۈلگىسى بولۇپ باھالىنىپ، شەرەپ بىلەن 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىندى ھەم شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى.

جاسارەت بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۆزىنى بۆسۈپ ئۆتۈش

2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئايدىن تاسادىپىي مەلۇم ئالاھىدە جەڭ قىلىش لۈسىنىڭ «سەرخىل ئەسكەر»لەرنى تاللاۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. «ئۇ يەردە ۋەزىپە كۆپ، دائىم ھەقىقىي قورال - ياراغ مەشىقى قىلىدۇ.» ئايدىننىڭ بىردىنلا جاسارىتى ئۇرغۇدى، قايتا - قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى سۇندى. كېيىنكى يىلنىڭ بېشىدا، ئۇ ئالاھىدە جەڭ قىلىش لۈسىگە يۆتكىلىپ، يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدى.

«ئەڭ راھەت كۈن مەڭگۈ تۈنۈگۈن بولىدۇ.» بۇ، ئايدىننىڭ ئالاھىدە جەڭ قىلىش لۈسىگە يۆتكەلگەندىن كېيىنكى ھەقىقىي تەسىراتى.

ئالاھىدە قىسىمنىڭ يۇقىرى سىجىللىقتىكى مەشىقىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئايدىن ئەتراپىدىكى سەپداشلىرى بىلەن بەسلىشىپلا قالماي، يەنە ئۆزى بىلەنمۇ تىركەشتى. خىزمەت ئالماشقانلارنى يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش مەزگىلىدە، ئۇ ئۆزىگە ئالايىتەن «بىر قېتىم كۆپ يامىشىش، بىر قېتىم كۆپ قورال تۇتۇش مەشىقى قىلىش، بىر جەڭ مىسالىنى كۆپ ئۆگىنىش، بىر كىلومېتىر كۆپ يۈگۈرۈش، بىر سائەت كۆپ مەشىق قىلىش»تىن ئىبارەت مەشىق نىشانىنى بېكىتتى. شۇ مەزگىللەردە، ئايدىننىڭ قولى دائىم قاداق بولۇپ، قاقاچ تۇتۇپ قالاتتى، يارىسىدىكى داكىدىن قان دېغى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ مەشىقنى ئەزەلدىن توختىتىپ قويماي، قىسقىغىنا بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپلا نەتىجىسىنى لاياقەتلىك بولۇشتىن مۇنەۋۋەر بولۇشقا ئۆستۈردى.

2015 - يىلى 7 - ئايدا، ئايدىن ھەربىي رايون تەشكىللىگەن «ئالۋاستى ھەپتىلىكى» يۇقىرى چەك مەشىقىگە قاتناشتى. بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈپ باھالاشتا، ئۇ كۈتۈلمىگەندە پاتقاقلىقتا ھوشىدىن كەتتى.

«مەن شاللىنىپ كەتتىممۇ؟» دوختۇرخانىدا ھوشىغا كەلگەندە، ئايدىن تۇنجى بولۇپ شۇنداق سورىدى، ئۇ يەنە پۇرسەت بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، سەل - پەل ئەسلىگە كېلىپلا، مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كېلىپ، قالغان تەكشۈرۈپ باھالاش تۈرلىرىنى تاماملىدى.

«ئالۋاستى ھەپتىلىكى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بەدىنىنى يارا بېسىپ كەتكەن ئايدىن يەنە دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. سەھىيە خادىمى كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا ئۇنىڭ قانلىق قاپارتمىغا چاپلىشىپ قالغان پايپىقىنى كېسىپ سالدۇرۇۋاتقاچ ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق جان تىكىدىغانلىقىنى سورىغاندا، «ئالاھىدە ئەسكەرلەر مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكقۇ!» دېدى ئۇ سەمىمىي كۈلۈمسىرەپ.

ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىدە، ئايدىن ئېغىر - يېنىك بولۇپ 23 قېتىم يارىلاندى. «بۇ 23 تاتۇق مېنىڭ شەرەپ مېدالىم» دېدى ئۇ.

مانا مۇشۇنداق جاسارەت بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىش غەيرىتىدە ئايدىن ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى بۆسۈپ ئۆتتى. يېقىندا، پۈتۈن لۈ تەشكىللىگەن ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە، ئۇ توققۇز يەككە تۈردە بىرىنچى، ئىككى تۈردە ئىككىنچى، ئومۇمىي باھالاشتا بىرىنچى بولۇشتەك ئەلا نەتىجىگە ئېرىشتى.

كەلگۈسىنى كۆزلەپ، سەرخىل ئەسكەر يېتىشتۈرۈش

بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئايدىن پۈتۈن لۈ بويىچە داڭلىق ئالاھىدە جەڭ قىلغۇچى سەرخىل ئەسكەرگە ئايلاندى، لېكىن ئۇ بۇنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، زامانىۋى ئۇرۇشتا ماھارەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەقلىي جەھەتتە غەلىبە قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى.

شۇڭا ۋاقتى بولسىلا، ئايدىن ئالاھىدە جەڭ قىلىش كەسپى كىتابلىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، بىلىم زاپىسىنى موللاشتۇردى. نەزەرىيە ئاساسى ئاجىز بولغاچقا، ئۇ لېكسىيەلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، كەمتەرلىك بىلەن سوراپ ئۆگەندى؛ سەنمۇلۇق كەسپىگە پىششىق بولمىغاچقا، ئۇ ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كارىۋات بېشىغا چاپلاپ، كۈندە يادلىدى، تەجرىبە، تەسىراتلىرىنى رەتلىدى ھەم سەنمۇلۇق كەسپى مۇسابىقىسى بويىچە يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.

2017 - يىلى، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، ئايدىن دەرىجە ئاتلاپ ئۆستۈرۈلۈپ، بۇ لۈنىڭ ئالاھىدە تېخنىكا ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولدى. جەڭچىدىن كوماندىرغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئايدىن ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش سەرخىل كۈچى قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە بەل باغلىدى.

«دەل جايىدا بىرلەشمە جەڭ قىلىش ئىدىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، سىستېما تىرەك بولغان ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش كۈچلىرى كەلگۈسىدە چوقۇم جەڭ مەيدانىدىكى باش قەھرىمانغا ئايلىنىدۇ.» ئايدىن كەلگۈسىنى كۆزلەپ، پۈتۈن ئەترەتنى باشلاپ بىر قېتىم ئىقتىدار ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى.

يۆنىلىش ئېنىق بولسا ياخشى كۈچىگىلى بولىدۇ. ئايدىن ئالاھىدە جەڭ قىلىش نادىر مىسالىنى تېپىپ چىقىپ، تايانچ كادىرلار بىلەن قايتا - قايتا مۇزاكىرە قىلىپ، تەتقىق قىلىپ، ئۆگىنىپ، ھەرقايسى جەڭ قىلىش ئامىللىرى ئورگانىك يۇغۇرۇلۇش، توغرا يۆنىلىشتە ماسلىشىش، تىك يۆنىلىشتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتىن ئىبارەت ئەسقاتىدىغان جەڭ ئۇسۇللىرىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ ئىزدەندى. «ھەربىر كىشى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بۇنىڭغا كىرىشتى، دائىم بىر توپ <قاۋۇل كىشى> بىر دەرس پىلانىنى چۆرىدەپ تالاش - تارتىش قىلىشىپ كېتەتتى» دېدى 3 - دەرىجىلىك جۈنشىجاڭ لى دىڭبو ئەسلەپ.

ئايدىننىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن ئەترەتنىڭ ئومۇمىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارى سۈپەت جەھەتتە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بىرنەچچە يىللىق ئەمەلىيەتنىڭ جۇغلىنىشى ئارقىلىق، ئايدىن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىرلىشىپ تۈزگەن «بىرلەشمە ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي ماھارىتى» ناملىق كىتاب پۈتۈن ئارمىيە ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ مەشىق پىروگراممىسى بويىچە يېتەكچى دەرسلىك قاتارىغا كىرگۈزۈلدى؛ ئۇ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ رەتلەپ يەكۈنلىگەن چۆل - باياۋان يەر شەكلى شارائىتىدا قىسىمنىڭ دالىدا ياشاش مەشىق ئۇسۇلى پۈتۈن لۈدە كېڭەيتىلدى.

ئايدىن بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى. ئۇ بىر لاياقەتلىك ئالاھىدە جەڭ قىلىش كوماندىرىنىڭ يەنە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ماھارەتنى ھازىرلىشى زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر بىلەتتى. ئۇ ۋەزىپە ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىنگلىز تىلى، ئوردۇ تىلى، ھىندى تىلى، پارس تىلى، پۇشتۇ تىلىنى ئۆگىنىپ ئىگىلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «چېگرادا يوشۇرۇنۇپ زەربە بېرىش» خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى، جۇڭگو - چەت ئەل بىرلەشمە مەشىقى، جۇڭگو - ھىندىستان ياش ئوفىتسېرلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىق 13 قېتىملىق مۇھىم، زور ھەربىي پائالىيەتلەردە تەرجىمانلىق ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.

ۋەتەننى قوغداش، چېگرانى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئايدىن سەمىمىي ساداقىتىگە تايىنىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇشقۇن ياشلىقىنى ۋەتەنگە بېغىشلىدى. «ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادى ھازىرغىچە مېنى ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى، شۇنداقلا مېنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمگە تىرەك بولىدۇ» دېدى ئۇ.