ئەمگەك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بەخت يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى

日期:2021年11月23日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

ئەمگەك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بەخت يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئېچىلدى، ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى بىر مەسئۇل كىشى ۋە سەككىز ئادەتتىكى ئامما ۋەكىلى تەكلىپ قىلىندى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىۋاسىتە تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ، شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشلىرىنى نامايان قىلدى.

2021 - يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭدا 1 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.5 ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرىنى، ئىختىساسلىقلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، ئېكولوگىيەسىنى، تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، شىنجاڭ يېزا - كەنت خاس كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. بۈگۈر ناھىيەسىدىكى دېھقان شەرىپەم ئۇرايىم بۇنىڭغا نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە، ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى كۈنلىرىمىز ئاق ئۆرۈكتىنمۇ شېرىن.» يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ ياردىمىدە، شەرىپەم ۋە يۇرتداشلار ئۆستۈرگەن ئۆرۈكنىڭ سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈپ، ئۆرۈكچى دېھقانلار كۆپەيدى، ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزلىرى تۇتىشىپ كەتتى. 2019 - يىلى، ناھىيەدىكى ئۆرۈك جەمئىيىتى زور بىر تۈركۈم سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى قوغداش تور قاپلىمىسى ۋە سۈرەت بېسىلغان بىرتۇتاش ئورۇ ساندۇقى بىلەن تەمىنلىدى، كۆپچىلىك تەلەپ بويىچە ئۈزدى، ساندۇققا قاچىلىدى. ئۆرۈك پىشىدىغان مەزگىلدە، ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مەھسۇلات سېتىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى يېزىدا تېز يەتكۈزۈش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئۆرۈكلەر ئايروپىلاندا توشۇلۇپ پۈتۈن مەملىكەتتە سېتىلدى. شەرىپەم ئائىلىسى 15 مو يەردە ئۆرۈك دەرىخى ئۆستۈرگەن بولۇپ، بۇ يىل 135 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

روشەنگۈل مەمەت كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ئۇپال بازىرىدىكى دېھقان، ئۇ سىياسەتنىڭ ياردەم بېرىشى - يۆلىشى بىلەن ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئېچىپ، بىر تۈركۈم يېزا ئاياللىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. روشەنگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ۋە دۇكان خادىملىرى سىستېمىلىق تەربىيەلەنگەچكە ھۈنەرگە پىشقان بولۇپ، دۇكىنىنىڭ تاپاۋىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، دۇكاندىكى خادىملار ھەر ئايدا نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدىكەن.

«ئۆيۈم 300 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق، بۇ ناھايىتى پەيزى ئىش بولدى.» قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى بوغاز يېزىسى بوغاز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەركىن ئابلىز مۇنداق دېدى: توپا يوللار ئاللىقاچان ئاسفالت يولغا ئۆزگەردى، مەدەنىيەت پونكىتىغا چېنىقىش ئەسلىھەلىرى ۋە مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى سەپلەندى، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنىمۇ كەنت ئاھالە كومىتېتى بىرتۇتاش بىر تەرەپ قىلىدۇ، تۇرمۇش مۇھىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، كۆپچىلىك كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش - تۇرۇشتىن غەم قىلمايدۇ، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر نېمىگە ئاساسەن كەلسە - كەلمەس قول تىقىدۇ؟

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدەك مىساللار پەقەت شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. رىياسەتچى غەيرەت مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشى، يېزىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشى، دېھقانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جاسارەت بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.