ئارشاڭ ناھىيەسى ئۇلانمۇچىر ئەترىتى «ئەدەبىيات - سەنئەت + لېكسىيە سۆزلەش» كاتتا زىياپىتى بەردى

日期:2021年11月23日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى كاڭ خاۋيەن، جاڭ جىلى

«جۇبەننىڭ شوخ ئاۋازى ياڭراپ، مەدھىيە ناخشىسى كوممۇنىستىك پارتىيەگە ھەدىيە قىلىندى؛ دومبىرا چېلىنىپ يېقىملىق ناخشا ئېيتىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى نۇرلاندۇرۇلدى...» 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ كۆكتوخا نەسىللىك چارۋا فېرمىسى چۆكىنبۇلاق ئەترىتىنىڭ زالىدا، 50 نەچچە يىللىق ۋارىسلىق قىلىنىش تارىخىغا ئىگە ئارشاڭ ناھىيەسى ئۇلانمۇچىر ئەترىتى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولغان «ئەدەبىيات - سەنئەت + لېكسىيە سۆزلەش» شەكلى ئارقىلىق، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا يەتكۈزدى.

«100 يىللىق تارىخ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيە، باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش. پارتىيە قۇرۇش روھى، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش، مۆجىزە يارىتىش، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈش...» بىرلىكتە ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىشقا كەلگەن ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسى، چاغانتوڭگى يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى باقىتگۈل ھۆجېتقان دومبىرا چېلىپ، ئۆزى يازغان ناخشا تېكىستىنى ئېيتىپ بەردى. سەھنە ئالدىدىكى تاماشىبىنلار يېقىملىق مۇزىكىغا ئەگىشىپ، ناخشىغا جور بولدى. «تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كۈچ مۇجەسسەملەندى، بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئاجايىپ پارلاق!» ناخشا قايناق ھېسسىيات بىلەن ئاخىرلاشتى، زالدا ئۇزاققىچە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

«پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، مەن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، شۇڭا كېچىلەپ ناخشا تېكىستى يازدىم. بۇ قېتىمقى ئويۇن كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، مەن بەك خۇشال بولدۇم» دېدى باقىتگۈل.

ئارشاڭ ناھىيەسى ئۇلانمۇچىر ئەترىتىدە ھازىر ئىش ئورنىدىكى ئارتىستىن 33ى بار، ھەر يىلى نادام يايلاق بايرىمى، سىرت بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە دائىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ ئويۇن قويىدۇ. شۇ جايدىكى «پۇقرا ئىختىساسلىقلار»دىن تەشكىللەنگەن ئات ئۈستىدىكى بۇ ئەدەبىيات - سەنئەت تەشۋىقات ئەترىتى چۆل - باياۋاننى كېسىپ ئۆتۈپ، ئوتلاقنى كېزىپ، كۈچلۈك ئاپتاپقا چىداپ، قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارغا ئويۇن قويۇپ بېرىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتى، پارتىيەنىڭ ساداسىنى چارۋىچىلىق رايونىدىكى «ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى»گىچە يەتكۈزدى.

ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ھەرقايسى مىللەتتىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، كۆپچىلىك ئەسلىي تېكىستنى ئوقۇش، خەۋەر كۆرۈش، رادىيو ئاڭلاشنى داۋاملاشتۇرۇپ، يان تېلېفون ئارقىلىق ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىپ، چۈشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.

شۇ كۈندىكى ئويۇن قويۇش پائالىيىتىدە، خاۋلەيباۋ گۇرۇپپىسى ئورۇنلىغان ناخشا «مەدھىيە ناخشىسىنى كوممۇنىستىك پارتىيەگە بېغىشلايمەن» كىشىلەرنى ھاياجانغا سالدى، ئات باشلىق غېجەك بىلەن ئورۇنلانغان «سۆيىمەن سېنى جۇڭگو» تەسىرلىك، يېقىملىق ئىدى، ئەترەت ئەزالىرى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، مۇزىكىلىق كۇەيبەر، ئۇسسۇل، ناخشا قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. كۆڭۈل قويۇپ تەييارلانغان نومۇرلار نەق مەيداندىكى دېھقان - چارۋىچىلارنى بىر مەيدان كۆرۈش - ئاڭلاش كاتتا زىياپىتىدىن ھۇزۇرلاندۇردى.

«ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ ئويۇنى كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ يۈرەك سادايىمىزنى ئېيتتى.» چۆكىنبۇلاق ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ھېرمېك كېراماخۇن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كەنت قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، ئامما كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، كۆپچىلىك پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.