ئاپتونوم رايون 2022 - يىللىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

日期:2021年11月23日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون سىنلىق يىغىن ئېچىپ، 2022 - يىللىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»نى تەشۋىق قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىش، يېتەكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىكى ئاساسىي بازا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشتىكى مۇھىم سۇپا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بايلىق ۋە ۋاسىتە بولۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئىدىيە كاپالىتى ۋە ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلەشتەك مۇھىم، زور ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان.

پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۈزلۈكسىز ماسلىشىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئاممىغا تەشۋىق قىلىشى، ئاممىنى يېتەكلىشى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ئارىسىدا ئوقۇرمىنى كۆپ بولۇش ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇستەھكەملەپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنىڭ ئاساسىي ئېقىم تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپى بويىچە، نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي ھالدا مۇشتەرى بولۇش دائىرىسى بويىچە مۇشتەرى بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرناللىرىغا مۇشتەرى بولۇش خىراجىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ مۇشتەرى بولۇش خىراجىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ تارقىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىدىن باشقا گېزىت - ژۇرناللارنى تارقىتىشنى تۈزەش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ياخشى تارقىتىش تەرتىپىنى قوغداپ، 2022 - يىللىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنىڭ تارقىتىلىشىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.