پولاتتەك پاكىت ئارقىلىق ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلاشقا رەددىيە بېرىمىز

日期:2021年11月23日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بالىلارنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئائىت سىنلىق مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

پولاتتەك پاكىت ئارقىلىق ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلاشقا رەددىيە بېرىمىز

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدا «مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش» «ئەۋلادئارا ئايرىۋېتىش» مەۋجۇت دەپ بوھتان چاپلىدى. 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچىدە بالىلارنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئائىت سىنلىق مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يالغان - ياۋىداق سۆزلەرگە، بىمەنە سەپسەتىلەرگە رەددىيە بەردى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا شىنجاڭلىق بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش سىن كۆرۈنۈشلىرى قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ خۇشال تۇرمۇشى نامايان قىلىندى.

«بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك دادام!» سىندا يەكەن ناھىيەسىدىكى قىزچاق يۇلتۇزئاي نۇرمەمەت پەخىرلەنگەن ھالدا دادىسىنىڭ ئۇنىڭ كىچىككىنە ئارزۇسىنى قوللاپ، ئۆزىنىڭ مەخسۇس شوپۇرى بولۇپ، دائىم ئۇنى ئويۇن قويۇشقا ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

خوتەن شەھىرىدىكى ئايتىللا ئوبۇلقاسىم لەڭمەنخانا ئاچىدۇ، ئۇنىڭ بالىلىرى تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنىڭ ئېرى ھويلىنى «كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى» قىلىپ ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بۇ يەر بىر ئائىلىدىكى بەش جاننىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلانغانىدى.

مىربەگ تۇردىمەمەت ئۇلۇغچات ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئوقۇتقۇچى، يەنە بىر ئوماق سىڭلىسى بار. ئائىلە ئەزالىرى ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ ھەمكارلىشىدۇ، ئاپىسى ئۇلارغا ماتېماتىكىدىن دەرس تەكرارلاپ بېرىشكە مەسئۇل، دادىسى تارىلىق چالغۇ قومۇز ئۆگىتىشكە مەسئۇل بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال - خۇرام ئۆتىدۇ. «بۇ ھەپتە سىڭلىمنىڭ قومۇز چېلىش سەۋىيەسى يەنە ئۆستى!» دېدى مىربەگ ناھايىتى خۇشال ھالدا.

شىنجاڭ ئاياللار، بالىلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاياللار، بالىلار تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، ئاياللار، بالىلارنىڭ تۈرلۈك قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى. شىنجاڭ ئاياللارنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەر - ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىشنى يولغا قويدى. كەڭ ئاياللار ھەرقايسى ساھەلەردە بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، ئائىلىدىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

تېكەس ناھىيەسىدىكى لاۋۇلا ماھىر ئۈچ ئاچا - سىڭىل سەبىي ئاۋازى بىلەن «كۈلسىڭىز بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەنسىز» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى؛ كېرىيە ناھىيەسىدىكى زېرەك قوشكېزەكلەر «كىچىك ئائىلە باشلىقى» بولغان ئاچىسى قەلبىنۇر ياسىن بىلەن ئويناشتى؛ كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى قانات سېيىتقامزا بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر - بىرىنى سۈرەتكە تارتىپ بەختلىك چاغلاردىن ئەسلىمە قالدۇردى... سەككىز قىسقا سىندا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بالىلارنىڭ ياخشى بولغان ئائىلە ۋە مائارىپ مۇھىتىدا خۇشال - خۇرام ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى نامايان قىلىندى، كۆرۈنۈشنىڭ ھەممىلا يېرىدە بەخت تەبەسسۇمى جىلۋىلەنگەنىدى.

«پولاتتەك پاكىت شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئاتالمىش شىنجاڭدا <ئەۋلادئارا ئايرىۋېتىش> <ئىرقىي يوقىتىش> مەۋجۇت دېيىشنىڭ ھەممىسى ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلىغانلىق. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى خۇ جىچۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇردى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتلىرى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات قەدىمىنى جۇڭگوغا قارشى ئاشۇ كۈچلەر ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالمايدۇ. «ئىرقىي يوقىتىش»نىڭ شەكىللەنگەن - شەكىللەنمىگەنلىكى توغرىسىدا ناھايىتى قاتتىق قانۇن، دەلىل - ئىسپات ۋە تەرتىپ ئۆلچىمى بار، بۇنى ھەرگىز مەلۇم دۆلەت، مەلۇم تەشكىلات، مەلۇم كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ خىيالى، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈگىنى بىلەنلا بېكىتكىلى بولمايدۇ. بىز ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئەقلىنى تېپىپ، پاكىتقا قايتىپ، ئەخلاق ۋە ھەققانىيلىققا قايتىپ، رەڭلىك كۆزەينەكنى ئېلىۋېتىپ، تار، بىر تەرەپلىمە قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، شىنجاڭدىكى جانلىق كىشىلىك ھوقۇق ھېكايىلىرىنى تىنچ ئاڭلاپ، شىنجاڭدىكى كۆرۈنەرلىك كىشىلىك ھوقۇق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە توغرا قاراپ، شىنجاڭنىڭ پايدىلىق بولغان كىشىلىك ھوقۇق ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئۆرنەك قىلىپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قوشۇشىنى كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلىمىز.