يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىشتىكى ئېگىزلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

日期:2021年11月23日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىشتىكى ئېگىزلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى تەتقىق قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇلۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشقا قارىتا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى دەۋردە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ۋەزىيەتنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى تۇتۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى ھەمكارلىق سەۋىيەسى، تېخىمۇ يۇقىرى سېلىنما ئۈنۈمى، تېخىمۇ يۇقىرى تەمىنلەش سۈپىتى، تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات ئېلاستىكلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىلىرىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىشتىكى ئېگىزلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ راۋان جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا يۆنىلىشتە ماسلىشىش، يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا ھەقىقىي نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا «قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى(2021-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە)»«قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى(2021-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە)» قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، نىشان ۋە ئورۇننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىك ۋە يوشۇرۇن كۈچنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پىلانلاش، يۇقىرى ئۆلچەملىك قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايون بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خاس كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.