يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ئاجايىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمىز

日期:2021年11月17日
来源:天山网
【字体:

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا تېخىمۇ ئاجايىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتىمىز.

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئېلىش

«پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى>دا، تارىخ يەكۈنلەندى، ھازىرقى ۋەزىيەت ئىگىلەندى، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىندى.» شايار ناھىيەسى تويبولدى بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يەن يەن مۇنداق دېدى: بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

«100 يىللىق مۇساپىنى ئەسلىسەك، چوڭقۇر ئىلھاملاندۇق، ئىنتايىن روھلاندۇق.» بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى قاراماغاي بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى سېرىكبول بازقان مۇنداق دېدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق»تىن ئىبارەت تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، «ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىپ، قاراماغاي بازىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى پۇختا تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش، كەسىپ تەرەققىياتىنى زورايتىش، كۈچەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە تىرىشىپ ئالدىدا مېڭىپ، ئاساسىي كۈچ بولۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى كەسىپ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن قىلىمىز.

«ئالقات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كەنتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنى بارغانسېرى تومپايدى.» جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى يېلىشىنەن كەنتىدىكى ئالقات تېرىغۇچى ئاھالە يۈ فېيخۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، ئالقات تېرىقچىلىق تېخنىكامنى ئۆستۈرۈپ، كەنتتە ئالقات ماركىسى يارىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەتئىيلىك بىلەن توختىماي كۈرەش قىلىش

«ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەتئىيلىك بىلەن بېكىتىلگەن نىشاننى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەيدىغان سەگەكلىك بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» جىمىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پەن سۇخۇا مۇنداق بىلدۈردى: جىمىسار ناھىيەسى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى جاسارەت بىلەن ياخشى تۇتۇپ، بۇ يىللىق تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي ياخشى پىلانلايدۇ.

«ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن پارتىيە جەزمەن خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.» چاغانتوقاي ناھىيەسى جاڭا جەر يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ چياڭ مۇنداق دېدى: بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچىمىزنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، جان دىلىمىز، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئامما ئۈچۈن ھەربىر ئىشنى ياخشى قىلىپ، پۈتۈن يېزىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىمىز.

«بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىي خىزمەتلەردە كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.» يېڭىسار ناھىيەسى سىتلى يېزىسى قالجاق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئامىنەم روزى مۇنداق بىلدۈردى: مەن كەمتەرلىك بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، قالجاق كەنتىدىكى ئاممىنى يېتەكلەپ، دېھقانچىلىق رايونىدا باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۆكتات كەسپىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي بوشاشماي كەنت ئاھالىلىرىنى گۈزەل يۇرت قۇرۇشقا يېتەكلەيمەن.

يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش

«يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، پەقەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەندىلا، بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بىزدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىنى ئاقلىيالايمىز.» قاراقاش ناھىيەسى ماڭلاي يېزىسى چىنەباغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئېرشات ناسىر مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، كەنت ئاھالىلىرىنى كۆپ تۆللەيدىغان قوي باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا داۋاملىق يېتەكلەپ، ئىلھاملاندۇرۇپ، قوي قوتىنىنى ئۆزگەرتىش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش، يەم - خەشەكنى ماسلاشتۇرۇش، ئىلمىي باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ مۇشۇ بىر تۈردىلا كىشى بېشى يىللىق كىرىمنى 3000 يۈەن ئاشۇرىمىز؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئاممىنى سىجىل كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك، يېزىلار گۈزەل، دېھقانلار باي بولغان گۈزەل مەنزىرىنى تىرىشىپ سىزىپ چىقىمىز.

«100 يىل دەل ئۇنىڭ قىرانلىق مەزگىلى! پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى جەڭگىۋارلىقىمىزنى ئۇرغۇتتى، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. 1 - شۇجى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، زور ئىكەنلىكىنى، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم!» كۈنەس ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ زەكتى بازىرى ئاقچىغى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى چېن پىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدا، ئاقچىغى كەنتىدە يەر ئوبوروت قىلىش ئارقىلىق كەنت كوللېكتىپىنىڭ يىللىق كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ يىل يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان «پارتىيە تارىخىغا ئائىت 100 مېتىرلىق كارىدور» كۆرگەزمە تېمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى دەۋردىكى ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىمىز.

«قۇم - شېغىل ھەممە يەرنى قاپلاش، بوران چىقسا تاشلار ئۇچۇپ يۈرۈشتىن يېشىللىققا پۈركۈنۈش، مېۋىلىك دەرەخلەر شاخلىرىنى كۆتۈرەلمەي قېلىشقىچە، كەنت بەرپا قىلغان 5100 مو باغ - ئورمان بازىسى كەنتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىدىكى <بايلىق توپلانغان جاي> بولۇپ قالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى.» ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسى يېيىلغان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھۈسىيىن ئەيسا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 9 - ئايدا، كەنت كەنت ئاھالىلىرىگە 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا تەقسىملەپ بەردى، مەن 8000 يۈەن ئالدىم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن يېڭىمنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ئىككى قولۇمغا تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىمەن.

(مۇخبىر پەرىزات ئابدۇل، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، جاڭ تىڭ، سۇڭ ياۋېن، گې يوۋجۈن، رايىدە، خەن چىنيەن، جەزىرە نېسىپبېك، سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىر چېڭ خاۋيۈ)