2021 . جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

日期:2021年11月17日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2021 . جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جياڭ جيەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

جياڭ جيەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەمىز شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «تىنچلىق، ئىناقلىق ئومۇمىي ھالەتكە ئايلانغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا كۈنسايىن يېڭى نەتىجىلەر يارىتىلغان، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش، نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق قەلبلەر ئىللىتىلغان، ئانار گۈلى كەبى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇلۇپ، ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، دىننى سۆيىدىغان ئىللىق كەيپىيات يارىتىلغان، ئاسمان تېخىمۇ كۆك، تۇپراق تېخىمۇ يېشىل، سۇ تېخىمۇ سۈزۈك بولغان» گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلدى. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىلغان «ئىرقىي يوقىتىش» «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» «مەجبۇرىي تۇغۇت تىزگىنلەش» قاتارلىق شىنجاڭغا ئالاقىدار قارالمىلارنى توقۇپ چىقىپ، ئويدۇرۇپ چىقىپ، «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» «تېررورلۇق ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش»كە ئۇرۇندى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ھەققانىي، ھەققانىيەت جەزمەن رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ.

جياڭ جيەنگو جۇڭگو ۋە چەت ئەل سودا - سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودىنى راۋانلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىنى؛ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مەدەنىيەت تاراتقۇ ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى؛ جۇڭگو - چەت ئەل ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىلىم ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم، ياخشى بولدى، ئىقتىسادىي جەھەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر پاكىتنى بۇرمىلاپ، يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار قارالمىلارنى تەپتارتماي ئويدۇرۇپ چىقاردى، ئۇلارنىڭ رەزىل سۇيىقەستى مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ جەزمەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدۇ.

ئارگېنتىنانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نارۋاجا، لائوسنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كەنباۋ.ئىنتاۋان سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە ئىلگىرىلىگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، شىنجاڭ بىلەن ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئۈمىد قىلدى. جۇڭگو خەلق داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ دۇڭگاڭ تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو چەت ئەل يېزىقى نەشر - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ سەيرۇڭ خەلقئارا تارقىتىش نۇقتىسىدىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاراتقۇلارغا ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك ياخشى سۆزلەشنى تەۋسىيە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ مۇنداق تەشەببۇس قىلدى: ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق تىرىشىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى پائال تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ساداسىنى تارقىتىپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر شىنجاڭنى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلىشى كېرەك.

بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى» باش تېما قىلىنىپ، ئۈچ تارماق مۇنبەر تەسىس قىلىندى. جەمئىي 30 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 110دىن ئارتۇق ۋەكىل مۇنبەرگە قاتناشتى.