دۇنيا ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆرسۇن

日期:2021年11月17日
来源:天山网
【字体:

​− 2021 - يىل. جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرىدىن كەلگەن سادا

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

دۇنيانىڭ شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، تەرەققىيات پۇرسىتى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش، ئەقىل - پاراسەت نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە 2021 - يىل. جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارنىڭ نەزەرىدىكى ھەقىقىي شىنجاڭ قانداق؟ مۇخبىر مۇنبەردىن كەلگەن سادالاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسەتتى.

ئارگېنتىنانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نارۋاجا:

شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىدا كۆرگەنلىرىمىز ھەقىقىي ئەھۋال

ئون يىل ئىلگىرى، مەن جۇڭگوغا ئالاقىدار تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدىم ھەم بەش پارچە ئالاقىدار كىتاب نەشر قىلدۇردۇم. مەن جۇڭگودىكى 18 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە بېرىپ باققان، جۇڭگو زېمىنىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشتەك ياخشى كەيپىياتى مېنى چوڭقۇر جەلپ قىلغانىدى. مەن شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم، شىنجاڭدىمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغاچقا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق رولغا ئىگە. «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى ئۈچ ئىقتىساد كارىدورى شىنجاڭدىن ئۆتىدۇ، شىنجاڭ ئۈچ ئىقتىساد كارىدورى ئارقىلىق بوخەي دېڭىزى قولتۇقى، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق ئىقتىسادى جانلانغان رايونلار بىلەن تۇتىشىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەن شىنجاڭدا نۇرغۇن كارخانىنى زىيارەت قىلىپ، قوي گۆشى، مېۋە - چېۋە ۋە يېڭى كۆكتاتلارنى، يەنە مەززىلىك نانلارنى تېتىپ باقتىم. شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىقى ۋە پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. بۇ جەھەتلەردە ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ غايەت زور ھەمكارلىق ئىستىقبالىغا ئىگە. ئارگېنتىنا بىلەن ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە ياخشى ھەمكارلاشقان. ئارگېنتىنانىڭ قوي گۆشى، ئۇن، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا شىنجاڭنىڭ ئېھتىياجى يۇقىرى، شۇڭا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق جەھەتتىمۇ ناھايىتى زور ھەمكارلىق بوشلۇقى بار.

شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىدا كۆرگەنلىرىمىز ھەقىقىي ئەھۋال. كۆپچىلىك شىنجاڭغا بېرىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىپ، پاكىت ئارقىلىق سۆزلىشى كېرەك.

لائوسنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كەنباۋ. ئىنتاۋان:

ئىناق، مۇقىم شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئاساسىدا، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىمنى سىرتقا ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئاساسلىقى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلاتتى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان بولۇپ، تۆمۈريول يوق ئىدى، چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىمۇ يوق ئىدى. ئۆتكەن 70 نەچچە يىلدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خەلقى غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇردى.

شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، سۇ تېجەپ سۇغىرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىياتى تېز بولدى، كەسىپ زەنجىرى مۇكەممەللەشتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدە، ھەتتا دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. نۇرغۇن گۈزەل شەھەرلەر چۆل - جەزىرىلەرنى زىننەتلىدى، زامانىۋىلاشقان قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن بولغان.

گەرچە مەن شىنجاڭغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن شىنجاڭنىڭ قەدىمكى يىپەك يولىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلىمەن. بۇ يىل ھەم لائوس - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، شۇنداقلا لائوس - جۇڭگو دوستلۇق يىلى. جەمئىيىتى ئىناق، مۇقىم بولغان، ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئاساسىدىكى لائوس - جۇڭگو ھەمكارلىق تۈرلىرىمۇ بۇ ئارقىلىق نەپكە ئېرىشىدۇ.

جۇڭگو چەت ئەل يېزىقى نەشر - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لۇ سەيرۇڭ:

شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى

شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى. مېنىڭ قارىشىمچە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدۇ. ھەر مىللەت خەلق جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ، بۇرۇنقى چۆل - جەزىرىنى زامانىۋىلاشقان گۈزەل ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىردى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئىستىقبالى پارلاق. تېخىمۇ ئىناق، مۇقىم بولغان، تېخىمۇ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ئايلىنىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ھەقىقىي ھېكايىلەرنى خەۋەر قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن بوشاشماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ:

شىنجاڭ قىلغان بارلىق ئىشلارنىڭ ئەيىبلىگۈدەك يېرى يوق

شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ كەلدى، تۈزگەن بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يېتەكچى ئىدىيە ئاستىدا قانات يايدۇرۇلغان، ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ئىدىيە ۋە ئۇسۇل ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق قىممەت ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش گۈزەل ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئەيىبلىگۈدەك يېرى يوق. شىنجاڭ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوچۇق - ئاشكارا، سەمىمىي بولۇپ، بۇ، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» غەرىزى بىلەن، شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلدى، قارا چاپلىدى، بۇنىڭ ئەسلا ھېچقانداق داۋلىسى يوق، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئادىللىق، ھەققانىيلىق تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلغانلىق، ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

شىنجاڭ داشۆنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلھايات ئىسمايىل:

«بىر بەلباغ، بىر يول» شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ

2021 - يىلىغا قەدەر، ئاپتونوم رايون 30 نەچچە دۆلەتكە 1000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، تەتقىقاتچى خادىم ئەۋەتتى، ئەتراپتىكى يەتتە دۆلەتتە كۇڭزى شۆيۈەنىدىن ئوننى قۇرۇپ، «جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار پىلانى» بويىچە 11 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى ۋە تەربىيەلىدى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى، ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. كەلگۈسىدە جۇڭگو شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.