پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىدىكى ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىمىز، بۇرچىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىمىز

日期:2021年11月09日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، خەلققە بولغان مېھىر ـ مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، سىرتقا تارقىتىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىچە پۈتۈن تاراتقۇ ئاپپاراتى قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك».

11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىكى بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم 22 ـ قېتىملىق جۇڭگو ئاخباراتچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللىدى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى چوڭقۇر ئىلھام ئېلىپ، بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر يۆگىمە رەسىمىنى چىن قەلب بىلەن سىزىپ، دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى كۈچەپ ياڭرىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىدىكى ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىمىز، بۇرچىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىمىز.

«پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش كېرەك»، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا قويغان تەلىپى بولۇپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى.

شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) باش مۇھەررىر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈي شىنياڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. بىز جەزمەن باشتىن ـ ئاخىر پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىدا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىيونلار گېزىت چىقىرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك.«باش شۇجى شى جىنپىڭ غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، خەلققە بولغان مېھىر ـ مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئاساسىي قاتلام ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنى قەلبىمدە چىڭ ساقلايمەن، ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىمەن» دېدى قەشقەر رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يېڭى تاراتقۇ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما يەنفېن.

ما يەنفېن 2011 ـ يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تېلېۋىزىيە مۇخبىرى بولدى. ئون يىلدىن بۇيان، ئۇ ئېتىز ـ ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ، قەشقەردىكى نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلىدى؛ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى زىيارەت قىلىپ، تارىختىن كەلگەن سىمفونىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى؛ قەھرىمان نەمۇنىچى شەخسلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى ... «بۇنىڭدىن كېيىن، مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، <ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى ئۆتكۈر> بولۇشنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تۇپراقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، تۇرمۇشقا سىڭىپ كىرىپ، ئاساسىي قاتلامغا يېقىن، ئاممىباب، قىزغىن كەيپىيات كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئاخبارات ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىمەن» دېدى ما يەنفېن.خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ئابابەكرى ئوسمان مۇنداق دېدى: بىز ئەسلىي مەقسەت، خىسلىتىمىزنى چىڭ ساقلاپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى كەڭ تارقىتىپ، خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى پائال ئەكس ئەتتۈرۈپ، قەلەم ۋە كامېرا ئارقىلىق ئۇلۇغ دەۋرنى خاتىرىلەپ، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

«توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش دىيالېكتىكىلىق بىرلىكنىڭ مۇناسىۋىتى. توغرا يولنى ساقلاشتا چىڭ تۇرغاندىلا، يېڭىلىق يارىتىش ئاندىن يۆنىلىش ۋە تايانچقا ئىگە بولىدۇ؛ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتقاندىلا، توغرا يولنى ساقلاش ئاندىن ھاياتىي كۈچ ۋە ئاساسقا ئىگە بولىدۇ.» سانجى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ئۇچۇر توپلاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن خۇي مۇنداق دېدى: تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىدە، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى جەزمەن ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، تىرىشىپ كۈچلۈك ئالاقە تورى تەپەككۇرى، ئۇنىۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسى، كەسپىي ماھارەت ئىقتىدارىغا ئىگە پۈتۈن تاراتقۇ ئىختىساسلىقلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

بۇ يىل «1 ـ ئىيۇل»نىڭ ئالدىنقى كۈنىدە، ئارشاڭ ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى بېلىك باقىتجان خىزمەتداشلىرى بىلەن ئالدىن پىلانلاپ، «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تاغىلارنىڭ دوۋمىدا ۋەتەنگە بەخت تىلىشى» ناملىق يۇغۇرما تاراتقۇ ئەسىرىنى ئىجاد قىلىپ، كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى، پۈتۈن توردا كۆرۈلۈشى 100 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى. «مەن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ مېھىر ـ مۇھەببەتلىك، سۈپەتلىك ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىمەن» دېدى بېلىك باقىتجان.

شىنجاڭ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى رادىيو ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جاڭ شياۋيۈن مەملىكەتلىك ئاخبارات ساھەسىنىڭ 8 ـ نۆۋەتلىك «ياخشى مۇخبىر ياخشى ھېكايىلەرنى سۆزلەش» پائالىيىتىدە «غەلىبە قىلغان ماھىر» دېگەن نامغا ئېرىشتى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، ئۇ مىكروفون ئالدىدىن كامېرا ئالدىغا كېلىپ، دېھقانلارغا ياردەملىشىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش رىياسەتچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە قىسقا سىن سۇپىسى ئارقىلىق، ئەڭ جانلىق خەۋەرلەرنى كۆپچىلىككە يەتكۈزدى. «مەن <كۆپ خىل ماھارەت>نى يېتىلدۈرۈپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن» دېدى جاڭ شياۋيۈن.«باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە سىرتقا تارقىتىشنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەن زىممەمدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم.» تىيانشان تورى ئىنگلىزچە تور بېكىتىنىڭ مۇھەررىرى چېڭ لى مۇنداق دېدى: بىز خەلقئارا تارقىتىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ دۇنياغا ھەقىقىي، رەڭدار شىنجاڭنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

(مۇخبىر لى ياڭ، قاتناشقان مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لياڭ جىڭ)