يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك

日期:2021年11月08日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون قىشلىق، ئەتىيازلىق ئېتىز، سۇچىلىق ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى

يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايون قىشلىق، ئەتىيازلىق ئېتىز، سۇچىلىق ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىياز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېتىز، سۇچىلىق ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يىلغا ئايرىلغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى نىشان - ۋەزىپە تەلىپىگە قاتتىق توغرىلىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تېزلىتىشى كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش، ياخشى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تۈر زاپىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «14 - بەش يىل»لىق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز نىشان - ۋەزىپىسى ۋە 2022 - يىللىق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى ئەستايىدىل بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىلغان، ئۇزاق مەزگىل بىلەن قىسقا مەزگىل بىرلەشتۈرۈلگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تۈر زاپىسى ئامبىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى دائىملىق تۈر زاپىسى ۋە ئىلتىماس قىلىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. سۈپەت باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، پۈتۈپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغان تۈرلەرگە سۈپەت بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق يىرىك پىلان لايىھەسى، تۈرلەرنى يولغا قويۇش جەريانى، قۇرۇلۇش سۈپىتى، قۇرۇلغاندىن كېيىنكى باشقۇرۇش، ئاسراش، پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىشى، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، قىسمەن رايونلارنى تاللاپ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز يادرولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىپ، مەۋقەنى يېزا ئىگىلىكىدە تەننەرخنى تېجەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، ئاقىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. بەرپا قىلىنغاندىن كېيىنكى باشقۇرۇش، ئاسراشنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنغاندىن كېيىنكى باشقۇرۇش، ئاسراش مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كۆپ مەنبەلىك ئىش تەقسىماتى بولغان، مەسئۇلىيىتى بارلار جەزمەن ئادا قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرىدىغان باشقۇرۇش، ئاسراش تۈزۈمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەرپا قىلىنغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنىڭ ئۇزاققىچە باشقۇرۇلىدىغان بولۇشى، ئۇزاققىچە نەپ بېرىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئېتىز، سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈشنى باشقۇرۇش - ئاسراشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنى داۋاملىق قۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈش بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئېتىز، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى قوغداش، ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرۇش، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. سۇ ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، قىش، ئەتىيازدىكى دېھقانچىلىقتىن بوشىغان پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش - قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سۇ ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قىش پەسلىدە مۇز تاشقىنىدىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىنى چىڭ كۆزلەپ، قىش ۋە ئەتىيازلىق قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى، كەلكۈن ئەھۋالىدىن مۇداپىئە كۆرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتى، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئورمان، ئوتلاقتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش - ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈزگى بۇغداي تېرىقچىلىقى ۋە پاختا يىغىۋېلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ كالا، قوي گۆشى ۋە كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، بازار تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ يېزىلاردا ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.