لاچىن بايەكە، ليۇ خۇ، خۇ يۇڭجۈن ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشتى

日期:2021年11月08日
来源:天山网
【字体:

8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

لاچىن بايەكە، ليۇ خۇ، خۇ يۇڭجۈن ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى. تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسى تىزناپ كەنتىنىڭ سابىق چېگرا قوغدىغۇچىسى لاچىن بايەكە، پەيزاۋات ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ليۇ خۇ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10 - شى بېيتۈن شەھىرى 181 - تۇەن 6 - ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى خۇ يۇڭجۈن شەرەپ بىلەن 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى دېگەن نامغا ئېرىشتى.

يېڭى دەۋردىكى ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ مول نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يېڭى مۇساپىسىدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، بۇ يىل 4 - ئايدىن باشلاپ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەش، ئەلالىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاش پىرىنسىپى بويىچە، كەسكىن - ئېھتىياتچان، قېلىپلاشقان خىزمەت تەرتىپى ئارقىلىق باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى جاڭ گۇيمېي قاتارلىق 68 يولداشقا 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى دەپ نام بېرىشنى، لى زېڭجۈن قاتارلىق 254 يولداشقا 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى بويىچە ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى بېرىشنى قارار قىلدى.

مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش نەمۇنىچىسى، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش نەمۇنىچىسى، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش نەمۇنىچىسى، كەسىپنى قەدىرلەش، ئۆزىنى بېغىشلاش نەمۇنىچىسى، چوڭلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈش نەمۇنىچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. لاچىن بايەكە مەملىكەت بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى. بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، قەشقەر داشۆسىدە تەربىيەلىنىۋاتقان لاچىن بايەكە بىر بالىنىڭ مەكتەپ ئىچىدىكى سۈنئىي كۆلدە كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن، ئۆز ھاياتى بىلەن ھېسابلاشماي پىداكارلىق بىلەن مۇز ئۈستىگە چۈشۈپ ياردەم قولىنى سۇندى، مۇز يۈزى تۇيۇقسىز يېرىلىپ كەتتى، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىنى سۇ يۈزىگە تىرەپ چىقاردى، ئۆزى بولسا مۇزدەك كۆل سۈيىدە قۇربان بولدى، شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 41 ياشتا ئىدى؛ ليۇ خۇ مەملىكەت بويىچە كەسىپنى قەدىرلەش، ئۆزىنى بېغىشلاش نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى. ئۇ پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ئاممىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولسىمۇ، ئاغرىق ئازابىغا قارىماي، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى شەھەر - يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆز قەرەلىدە تاماملىنىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى، لېكىن ئۇ داۋالىنىشنى كەينىگە سۈرگەچكە ھەم ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەچكە، كېسەللىك ئەھۋالى يامانلىشىپ، بۇ يىل 7 - ئايدا بەختكە قارشى ۋاپات بولدى؛ خۇ يۇڭجۈن مەملىكەتلىك سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى. دادىسىغا بەرگەن «چېگرا رايوننى بىر ئۆمۈر مۇھاپىزەت قىلىش» ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، خۇ يۇڭجۈن ئادەم شالاڭ چېگرا لىنىيەسىدە چارۋا بېقىپ چېگرانى چارلاشتا چىڭ تۇردى، 33 يىلدىن بۇيان، چېگراغا يېقىنلاشقان چارۋىدىن 4000دىن ئارتۇقنى قايتۇرۇۋەتتى، چېگراغا يېقىنلاشقان كىشىدىن 20 نەچچە كىشىنى توسۇپ قالدى، قانۇنغا خىلاپ ھالدا دورا ماتېرىياللىرىنى كولاش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانغان 100 نەچچە كىشىنى توسۇپ قالدى، ئۇ ساداقىتىنى چېگرا لىنىيەسىگە ئويۇپ، كىشىلەر قەلبىدىكى «چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قوغدىغۇچىسى»غا ئايلاندى.

شىنجاڭدىن 12 كىشى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى بويىچە ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا: سانجى شەھىرى سۇ يۈچىن پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمەت پونكىتىنىڭ مەسئۇلى سۇ يۈچىن، تېكەس ناھىيەسى بوزادىر چارۋىچىلىق رايونى كۆكسۇ ئارشاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى جۇماتاي ئوۋبەكىر، ئاپتونوم رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتى ئاقسۇ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى كۇچا شەھىرى چاڭنىڭ يولى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پونكىتىنىڭ سىياسىي جىداۋيۈەنى لى يۈنفېي، كورلا شەھىرى كاڭدۇ كوچىسى باغچە مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ چېڭباڭ، چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالىقجان ئىمىن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى 1 - كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش - جاراھەت مەركىزى جىددىي داۋالاش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيەنجۇڭ، فۇكاڭ شەھىرى فۇشىن كوچىسى مەدەنىيەت يولى مەھەللىسى ياشانغانلار ئائىلىدە كۈتۈنۈش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى سانىخان ھېيتەم، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پېشقەدەم كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ئاينۇر ئابلىمىت، بىڭتۇەن 5 - شى شۇاڭخې شەھىرى 84 - تۇەن 3 - ليەندىن پېنسىيەگە چىققان كادىر بۇ شيەنيۈن، بىڭتۇەن 7 - شى ئېقىنتال شەھىرى يۈرۈن يېزا ئىگىلىك سۇغىرىش مۇلازىمىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى چېپەيزە سۇغىرىش رايونى پونكىتى يۈرۈشۈشنى قوغداش ئەترىتىدىكى سۇ باشقۇرغۇچى خادىم جاڭ جىچۈن، بىڭتۇەن دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ سىستېرالار باشلىقى خۇاڭ يەن، بىڭتۇەن 12 - شى تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانى تۇڭخې شىڭفۇچېڭ 1 - مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى لى خۇڭشېڭ.