يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

日期:2021年11月08日
来源:天山网
【字体:

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن پەيزاۋات ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يىنچۇن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 3 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن پەيزاۋات ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ھەم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ خاس كەسىپلەر تەرەققىياتى، باغچە رايونىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي بولۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىشلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى سىجىل ياخشى تۇتۇش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: پەيزاۋات ناھىيەسى ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق يېتىشتۈرىدىغان «ئون چوڭ كەسىپ»نى زىچ چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، 1 - كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇپ كۆلەملەشتۈرۈپ، 2 - كەسىپنى كۈچەيتىپ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، 3 - كەسىپنى زورايتىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پەيزاۋات قوغۇنى، پەيزاۋات شىنمېيى، پەيزاۋات قويى، پەيزاۋات نېنى، پەيزاۋات كۆكتاتى قاتارلىق خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تەرتىپلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئون تۈرلۈك «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەش روھى، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.