بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - بازارلاردىكى 1526 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىدى

日期:2021年07月13日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - بازارلاردىكى 1526 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ، 214 مىڭ 300 ئائىلىلىك ئاھالىگە نەپ يەتكۈزگەن، ئىش باشلاش نىسبىتى %92.6كە يەتكەن.

ئاممىنىڭ تۇرالغۇ، تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، شەھەر - بازارلاردىكى 1714 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى، بۇ 231 مىڭ 500 ئائىلىلىك ئاھالىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقىدىن %57.2 ۋە %19.7 ئاشتى.

شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئولتۇراق رايونلاردىكى يوللار بۇزۇلۇش، تۇرۇبا تورى كونىراپ كېتىش، سۇ تۇرۇبىسى، يۇندى يولى راۋان بولماسلىق، كۆكەرتىش بوشلۇقى يېتەرلىك بولماسلىق، ئاپتوموبىل توختىتىش ئەسلىھەلىرى يېتىشمەسلىك، ئاممىۋى پائالىيەت بوشلۇقى كەم بولۇش، قۇرۇلۇشنىڭ سىرتقى تىك يۈزى كونىراپ كېتىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىكى «كەمتۈكلۈك»نى تولۇقلىدى. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى، ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، مۇھىتى تېخىمۇ گۈزەللەشتى، ئولتۇراقلىشىش سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستى.

شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكىلىق يېتەكچى پىرىنسىپى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇپ بولغان ئىمارەتلەرگە لىفىت ئورنىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكىلىق يېتەكچى پىرىنسىپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاتارلىق ئۆلچەم، قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقتى. ھەرقايسى جايلار ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ ياردەم بېرىش بىلەن مۈلۈك ئىگىلىرى مۇۋاپىق ئۈستىگە ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇپ بولغان ئىمارەتلەرگە 640 لىفىت ئورنىتىپ، ئېگىز قەۋەتلىك بىنالاردىكى ئاھالىلەرنىڭ بىناغا چىقىپ چۈشۈشى قولايسىز بولۇش ئەھۋالىنى ياخشىلىدى، بولۇپمۇ ياشانغانلار، مېيىپ كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى.