ئۇچقۇن بۇ جايدا دەسلەپ يالقۇنجىغان

日期:2021年01月21日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى گو جىڭدەن، شۈ شياۋچىڭ

[ئىستون سۆزى]

بۇ يىل، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، يۈز مىليونلىغان خەلق دۆلەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ شانلىق داستانىنى پۈتتى. «نەچچە مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلاردا، 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر.» ھازىر ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى.

شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ «100 يىللىق كۈرەش يولى يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش» مەخسۇس ئىستونىنى ئېچىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك ئىچىدە دۇنياغا كېلىپ، ئازاب - ئوقۇبەت، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا زورىيىپ، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن ئۇلۇغ مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدۇ؛ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى گەۋدىلىك نامايان قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە سەپەرۋەر قىلىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا تەخمىنەن بىر كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇن دەل شاڭخەي شەھىرىنىڭ خۇاڭپۇ رايونى نەنچاڭ يولى 100 - كوچا 2 - نومۇر بولۇپ، تامدىكى نام تاختىسىغا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان جاي» ۋە «<يېڭى ياشلار> تەھرىر بۆلۈمىنىڭ كونا ئورنى» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى. بۇ جايدا 100 يىلدىن ھالقىغان نۇرغۇن قىزىل ئەسلىمە خاتىرىلەنگەن، بۈگۈنكى كۈندە، دائىم نۇرغۇن كىشى كېلىپ بۇ شىكۇمېن ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.

100 نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ جاي فىرانسىيە كونسېسسىيەسىدىكى كونا يۈياڭلى 2 - نومۇر ئىدى. 1920 - يىلى، چېن دۇشيۇ قاتارلىقلار بۇ جايدا ئىش بېجىرگەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەي تەشەببۇس قىلىش گۇرۇپپىسى بۇ جايدا قۇرۇلغان. «يېڭى ياشلار» تەھرىر بۆلۈمىدە، ئىلغار ياشلار قىزغىن مۇنازىرە قىلىپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. بۇ ئاددىي تار كوچا ماركسىزمنى تەتقىق قىلىش، تارقىتىش مەركىزى بولۇپلا قالماي، يەنە زور بىر تۈركۈم ئىرادىلىك ياشلارنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە جەلپ قىلغان.

شاڭخەي شەھەرلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى شىن پىڭ مۇنداق دېدى: يۈياڭلىدا «ئۇچقۇن دەسلەپ يالقۇنجىغان»دىن تارتىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغىچە، پارتىيەمىز بىر ھازىرقى زامان سىياسىي پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي مۇھىم ئامىلى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ لوگىكىلىق جەريانىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھازىرلىغان.

كونا يۈياڭلى 2 - نومۇردا، چېن دۇشيۇ چېن ۋاڭداۋ تەرجىمە قىلغان «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ تۇنجى جۇڭگو يېزىقىدىكى تولۇق تەرجىمە نۇسخىسىنى سېلىشتۇرغان. 1920 - يىلى 8 - ئايدا، جۇڭگو تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن بۇ كىتابچە رەسمىي نەشر قىلىنغان. «بىر ۋەھىمە، كوممۇنىزم ۋەھىمىسى ياۋروپادا ئارىلاپ يۈرۈپتۇ...» 100 نەچچە يىلدىن بۇيان، كىتابچىدىكى ھەقىقەت جۇڭگو زېمىنىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز شېرىن مېۋە بەردى. ھازىر، تۇنجى نەشردىكى قىزىل مۇقاۋىلىق «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»دىن پۈتۈن مەملىكەتتە ئاران 12سىلا بايقالغان، شاڭخەيدە بەشى ساقلانغان.

يۈياڭلىغا تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى «پۇدېلى» دەپ ئاتىلىدىغان كونا شىكۇمېن ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 2 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي خاتىرە سارىيى تۇرۇشلۇق ئورۇن. ئۇنىڭ يەنە بىر «سالاھىيىتى» بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى لى دانىڭ تۇرالغۇسى، ھەمدە بۇ جايدا پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق نەشرىياتى، ئاۋام قىزلار مەكتىپى قاتارلىقلار ئىش بېجىرگەن، «كوممۇنىستىك پارتىيە» ئايلىق ژۇرنىلى بۇ جايدا تەھرىرلەنگەن، تۇنجى پارتىيە نىزامنامىسى مۇشۇ جايدا دۇنياغا كەلگەن... پارتىيە ئىشلىرى تېخىمۇ كەڭ زېمىنغا قاراپ يۈزلەنگەن.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي رېمونت قىلىنىۋاتىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى تېز قۇرۇلۇۋاتىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 2 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي خاتىرە سارىيىمۇ ئىچكى قىسىمدىكى كۆرگەزمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ تېزلىتىۋاتىدۇ، بۇ سارايلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىل «1 - ئىيۇل»دىن ئىلگىرى يېڭى قىياپەتتە ئېچىۋېتىلىپ، قىزىل تارىخنى بايان قىلىدۇ.

«شاڭخەينىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىنى سەيلە قىلسىڭىز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىدىكى نۇرغۇن <بىرىنچى>لەرنى كۆرىسىز.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى شۈ جيەنگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ شەھەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن ھازىرقى زامان پىرولېتارىيات سىياسىي پارتىيەسىنى ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن، ئۇ ئەسلىي مەقسەت بارلىققا كەلگەن جاي، شەرەپلىك شەھەر.

شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئەڭ يېڭى قايتا تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شاڭخەيدە ھازىر 1919 - يىلىدىكى 4 - ماي ھەرىكىتىدىن 1949 - يىلى شاڭخەي ئازاد قىلىنغىچە بولغان مەزگىلدىكى تۈرلۈك قىزىل بايلىقتىن 612سى ساقلانغان، بۇ كونا ئورۇن، يادىكارلىقتىن 497نى، خاتىرە ئەسلىھەسىدىن 115نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئاۋات، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان كوچىلاردا بۇ قىزىل يەر بەلگىلىرى جىمجىت قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، 100 يىل ئىلگىرىكى ئىلغار ياشلارنىڭ تەپەككۇرى ۋە چۇقانلىرى خاتىرىلەنگەن، شۇنداقلا يەنە ھازىرقى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىياتقا گۇۋاھ بولماقتا: فۇدەن داشۆ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» كۆرگەزمە سارىيىدا، «ئۇچقۇن» دەپ نام بېرىلگەن بىر پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى خىتابنامە ھېكايىسىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرمەكتە، خىتابنامە روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەكتە؛ 2019 - يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي خاتىرە سارىيى «1 - قۇرۇلتاينى سۆزلەش: 2000 - يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ھېكايىسىنى ئاڭلاش» ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەتقىقات - ئۆگىنىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، «ئوماق ئۆسمۈرلەر»گە ئۆزلىرى ئۆگەنگەن پارتىيە قۇرۇلۇشى ھېكايىلىرىنى گۆدەك، سەبىي ئاۋاز بىلەن بايان قىلغۇزدى...

شاڭخەيدە، قىزىل تارىخ كونا ئىمارەتلەردىن «چىقىپ»، شەھەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)