مۇتلەق غەلىبىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش

日期:2021年01月21日
来源:新疆日报网
【字体:

− يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سەھىپىسى»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۇ جىچەي

2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى يېڭى يىلدىكى تۇنجى خىزمەت كۈنى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىدە چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى دېڭ خۇيلىن، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، خەيشى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى ۋېن گودۇڭ، سابىق جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇ ۋېنمىڭ، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ سابىق باش بوغالتىرى لو جياماڭغا پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا بېرىلگەنلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى.

يىل باشلانغان پەيتتە، تۆت «يولۋاس»نىڭ بىرلا ۋاقىتتا «بىر تەرەپ قىلىنىشى» چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشتا قىلچە يول قويماسلىق، بوشاشتۇرماسلىق كۈچلۈك سىگنالىنى يەنە بىر قېتىم تارقاتتى.

2020 - يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇش ئىدىيەسى، پىكىر يولى ۋە ئۇسۇلىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، چىرىكلىكنى تۈزەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

«قاتتىق» بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىش

بىرىنچى سوتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش!

2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، تيەنجىن شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى خۇارۇڭ شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى لەي شياۋمىننىڭ پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك، قوش ئۆيلىنىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىشتا، 2008 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، لەي شياۋمىننىڭ بىۋاسىتە ياكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئارقىلىق ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر بەرگەن مال - مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغانلىقى، ئۈندۈرۈۋالغانلىقى، ئۇنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 1 مىليارد 788 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە 104 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى تېخى ئەمەلىي قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولۇپ، جىنايەتنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقى ھېسابلىنىدۇ. سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا لەي شياۋمىنغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى.

«پۇل مۇئامىلە زور خىيانەتچىسى» لەي شياۋمىننىڭ موللاق ئېتىشىمۇ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى چىڭخەي ئۆلكىلىك شۆبە بانكىسىنىڭ سابىق بانكا باشلىقى گو جىجۇاڭ، سابىق بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى سەنشى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ ئەنشۇن، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى سەنشى ئۆلكىلىك شۆبە بانكىسىنىڭ سابىق بانكا باشلىقى ۋاڭ شۆفېڭ، قاتناش بانكىسى خېبېي ئۆلكىلىك شۆبە بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى ما شياۋ، بانكا سۇغۇرتا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى لياۋنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ليۇ ۋېنيى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى چۇڭچىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى ماۋ بىخۇا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى سىچۇەن ئۆلكىلىك شۆبە بانكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن بانكا باشلىقى ۋۇ رۇي... بىر يىلدىن بۇيان، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، دۆلەت بانكىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇرغۇن ئەمەلدار تەكشۈرۈلۈپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقى سىجىل زورايتىلدى.

2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، نازىر ۋاڭ جۈنفېڭ قاتارلىق نازارەت دەرىجىلىك تۆت كادىرنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىق خەۋىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئاممىۋى پىكىرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئىچكى موڭغۇل كۆمۈر بايلىقى ساھەسىدىكى بەلگىلىمىگە، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆمۈرگە چېتىشلىق ساھەدىكى چىرىكلىكنى «20 يىل ئارقىغا قايتۇرۇپ تەكشۈردى»؛ سىچۇەن، شەنشى قاتارلىق جايلار خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، تەلتۆكۈس تەكشۈردى؛ نۇرغۇن جايلارنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىدىكى ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كادىرلار تەكشۈرۈلدى... 2020 - يىلى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى بايلىق، يەر، يىرىك پىلان، ئاساسىي قۇرۇلۇش، قۇرۇلۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش ئېففېكتى شەكىللەندۈردى.

«يولۋاسنى يوقىتىش»تا چەكلەنگەن رايون قالدۇرۇلمىدى: 2020 - يىلى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە مەركەز باشقۇرىدىغان 18 كادىرنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىندى: فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جاڭ جىنەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر سۈن لىجۈن، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىر لى جىنزاۋ قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن موللاق ئاتتى.

«چىۋىننى يوقىتىش»تا يۇمشاق قوللۇق قىلىنمىدى: 2020 - يىلى 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىدىن جەمئىي 104 مىڭ 600ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 149 مىڭ 500 كىشىگە تەنقىد - تەربىيە قىلىپ ياردەم بېرىلدى ۋە بىر تەرەپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 92 مىڭ كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا بېرىلدى.

«تۈلكە ئوۋلاش»تا قەدەم توختىتىلمىدى: 2020 - يىلى يۇقۇم ئەھۋالى قاچقۇنلارنى تۇتۇپ، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمىدى، 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، «ئاسماندا تور 2020» ھەرىكىتىدە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن 1229 ئادەم قايتۇرۇپ كېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار» 28 بولۇپ، 2 مىليارد 445 مىليون يۈەن زاڭ پۇل قايتۇرۇپ كېلىندى.

«ئۈچنى قىلماسلىق»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش تەكشۈرۈشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلىرى»نى ياخشى قىلىش

2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، بېيجىڭ پۈتۈن شەھەر بويىچە «دېلو ئارقىلىق ئىبرەت قىلىش، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئاچتى.

يىغىندا ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى «ھەققانىيەت شەمشىرى − بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدىكى چىرىكلىكتىن ئاگاھلاندۇرۇش خاتىرىسى» ۋە «تۇيۇق يول − شۈنيىنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىك يۈرۈشلۈك دېلولىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش خاتىرىسى» قويۇلۇپ، 2019 - يىللىق ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنىدىن بۇيان جازالانغان 46 ئىدارە دەرىجىلىك كادىرنىڭ ئىسمى ئاتىلىپ ئاشكارىلاندى ھەم سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ تىپىك دېلو مىسالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، بېيجىڭ شەھىرىدىكى 13 مىڭدىن ئارتۇق باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىر ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەربىيەنى قوبۇل قىلدى. 2017 - يىلىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئىبرەت تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇدا تۆت يىل پۈتۈن شەھەر بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئاچتى.

چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي فاڭجېنى بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلىرى»نى ياخشى قىلىش دەل «ئۈچنى قىلماسلىق»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ كۈچلۈك تۇتقىسى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېلو بېجىرىشنى تۈزۈمدىكى يوچۇقلارنى ئېتىش، نازارەت قىلىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈردى −

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەز باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلولىرىغا قارىتا «بىر دېلونى بىر خۇلاسىلەش» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ۋاقتىدا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىدى، مەسىلىلەرنى بايقىدى، ساۋاقلارنى قوبۇل قىلدى، تۈزىتىشنى ئۆستۈردى؛

چېن گاڭ دېلوسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يىرىك پىلان ۋە تەبىئىي بايلىق ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇندى، يۈن گۇاڭجۇڭ، شىڭ يۈن دېلوسى قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆمۈر بايلىقى ساھەسىدىكى چىرىكلىكنى تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇندى، جاڭ چى دېلوسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ خەينەننىڭ يەر باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇندى؛

ئايرىم دېلولارنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا رېۋىزىيە تەكلىپى بېرىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىققا تارتىش ئارقىلىق سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.

«تۆت خىل ھالەت» تەمىنلىگەن سىياسەت، تەدبىرلەر تولۇق قوللىنىلىپ، ساقلانما مىقدار ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىنىپ، تۈگىتىلىپ، ئېشىش مىقدارىنى نازارەت قىلىش - توسۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۇنسۇرلار قاتتىق جازالىنىش بىلەن بىللە، كادىرلارنى كۈندىلىك باشقۇرۇش - نازارەت قىلىش كۈچەيتىلدى −

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2020 - يىلى 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «تۆت خىل ھالەت»نى قوللىنىپ، 1 مىليون 330 مىڭ ئادەم قېتىم تەنقىد - تەربىيە قىلىپ ياردەم بەرگەن ۋە بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 1 - خىل ھالەتنى قوللىنىپ 928 مىڭ ئادەم قېتىم تەنقىد - تەربىيە قىلىپ ياردەم بەرگەن، بۇ، ئومۇمىي ئادەم قېتىمنىڭ %69.8ىنى ئىگىلىگەن؛ 2 - خىل ھالەتنى قوللىنىپ 311 مىڭ ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلغان، بۇ، %23.4نى ئىگىلىگەن؛ 3 - خىل ھالەتنى قوللىنىپ 45 مىڭ ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلغان، بۇ، %3.4نى ئىگىلىگەن؛ 4 - خىل ھالەتنى قوللىنىپ 46 مىڭ ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلغان، بۇ، %3.5نى ئىگىلىگەن.

بۇ سانلىق مەلۇماتلار ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ 1 - خىل ھالەتنى قوللىنىپ تەنقىد - تەربىيە ياردىمى بېرىش سالمىقىنى سىجىل زورايتقانلىقى، «يۈزىنى قىزارتىپ تەرلىتىش»نىڭ دائىملاشقانلىقىنى؛ چىرىكلىكنى جازالاشنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى قىلىپ، باشتىن - ئاخىر يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، تۆۋەن چەكنىڭ دائىم بولۇشىغا، «ئارقا تام»نىڭ مۇستەھكەم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

2020 - يىلى «تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىش» دېلو ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆزگە ئايلاندى.

كۈچلۈك چۆچۈتۈش ۋە سىياسەتنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىكې، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ۋېن گودۇڭ قاتارلىق ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى بار زور بىر تۈركۈم كادىرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى، بۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنىڭ سىجىل چۆچۈتكەنلىكى، چىرىكلىكنى تۈزەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقانلىقىنى، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز نامايان بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

قانۇن - تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش

2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى»نىڭ تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىندى. بۇ، 2004 - يىلى نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ نىزامغا يەنە بىر قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈشى.

نىزامدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدە نازارەت قىلىش ھوقۇقى بولۇشى بەلگىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەنقىد قىلىش، ئاشكارىلاش، پاش قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دېموكراتىك نازارەتنى قانات يايدۇرسا بولىدىغانلىقى، پارتىيە تەشكىلاتىغا پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتى ۋە ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاشكارىلاپ، پاش قىلىپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولغان پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، جازا بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

بالايىئاپەتنى تۈگىىتىشكە ماھىر كىشى ئاۋۋال بالايىئاپەت يۈزبېرىشنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ تاپىدۇ، كېسەلنى داۋالاشقا ماھىر كىشى ئاۋۋال كېسەلنى مەنبەدىن تۈگىتىدۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، بىر تەرەپتىن كۈچلۈك ۋاسىتىگە تايىنىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

2020 - يىلى 1 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ پاش قىلىش، ئەرز قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت قائىدىسى»نى بېسىپ تارقاتتى. قائىدىدە قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ئىدىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ پاش قىلىش، ئەرز قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ باش - ئاخىرىغا سىڭدۈرۈلۈپ، پاش قىلىش، ئەرز قىلىشنى ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسىنى قاپلىغان پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش سۇپىسىنى قۇرۇپ، راست نامى بىلەن پاش قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، تەكشۈرۈش - ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش تەلەپ قىلىندى.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020 - يىلى 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى جەمئىي 2 مىليون 371 مىڭ پارچە قېتىم ئەرزىيەت - پاش قىلىشنى قوبۇل قىلغان، 1 مىليون 233 مىڭ پارچە مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلغان، 267 مىڭ پارچە قېتىم سۆزلەشكەن، خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەن، 443 مىڭ پارچە دېلو تۇرغۇزغان، 390 مىڭ ئادەمگە جازا بېرىلگەن(بۇنىڭ ئىچىدە 337 مىڭ ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىلگەن).

2020 - يىلى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - قېتىملىق يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش چارىسى» ماقۇللاندى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش چارىسى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرغان تۇنجى دۆلەت قانۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەمۇرىي جازا بېرىش چارىسى قانۇنى رېۋىزىيە بىلەن تولۇق قاپلاش تەلىپىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا كۆرۈشكە تېگىشلىك قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ھەرىكەت تۆۋەن چېكىنى بېكىتىپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەمۇرىي جازا بېرىش ھوقۇقىنى جەزمەن قانۇن بويىچە قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرگۈزۈپ، ھەقىقىي تۈردە مەمۇرىي جازا بېرىش ھوقۇقىنى تۈزۈم قەپىزىگە سولاشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ، مەمۇرىي جازا بېرىش چارىسى خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، رېۋىزورلار قانۇنى لايىھەسى تۇنجى قېتىم 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 24 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى ساھەسىدىكى بىر قاتار قانۇن - نىزام، تۈزۈملەر داۋاملاشتۇرۇلۇپ چىقىرىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ قېلىپلىشىش، قانۇنچىللىشىش يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)