1-ئاينىڭ 16-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونى شۆيۈەن يولى كوچا باشقارمىسى شۆچىڭيۈەن مەھەللىسىدىكى خەلققە قولايلىق تاللا بازىرىدا، مەھەللە ئاھالىلىرى كۆكتات تاللىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونى شۆيۈەن يولى كوچا باشقارمىسى «كۆكتات بىۋاسىتە لىنىيەسى»دىن پايدىلىنىپ، كۆكتات سېتىش تور نۇقتىلىرىنىڭ تەمىنلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، كۈندىلىك مۇقىم باھالىق سەي-كۆكتاتلارنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق چاغاندىن ئىلگىرى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى رېن چاۋ فوتوسى