2020-يىلى 480 نەپەر ج خ خەلق ساقچىسى، ياردەمچى ساقچى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى

日期:2021年01月19日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 18-يانۋار ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلى مەملىكەت بويىچە ج خ ئورگانلىرىدا جەمئىي 315 خەلق ساقچىسى، 165 ياردەمچى ساقچى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، 4941 خەلق ساقچىسى، 3886 ياردەمچى ساقچى خىزمەت ئۈستىدە يارىلانغان.

تىنچلىق مەزگىلىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنى ئەڭ كۆپ قۇربان بەرگەن، ئەڭ زور تۆھپە قوشقان قوشۇن. ئۆتكەن بىر يىلدا، كەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، بۇيرۇقنى ئاڭلاپ ھەرىكەتكە كېلىپ، خەۋپ-خەتەردىن قورقماي باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئىلغار تىپلار ۋە قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى بارلىققا كەلگەن.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرىدا 16 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 3700 دىن ئارتۇق خەلق ساقچىسى ئىنقىلابىي قۇربان بولۇپ باھالانغان. يېقىنقى 10 يىلدا جەمئىي 3773 خەلق ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، 50 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە يارىلاندى.

http://uyghur.people.com.cn/307382/15835630.html