يول باشلاپ نىشان بەلگىلەش دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش

日期:2020年12月09日
来源:新疆日报网
【字体:

− مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىدىن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «13-بەش يىل»لىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يېتەكلىگەنلىكىگە نەزەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

ئەسىر يۇقۇمى ۋە 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى گىرەلەشكەن پەيتتە، ئىنتايىن جاپالىق 2020-يىلىدا، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىپادىسى تۇمان ئاستىدا قالغان پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادىدىكى يارقىن رەڭگە ئايلاندى −

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى باشلامچىلىق بىلەن تىزگىنلىدى، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئارىسىدا ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىگە كەلتۈردى، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى...

چوڭقۇر دېڭىزدا يۈرگەندە، نېمىگە تايىنىپ كۈچلۈك دولقۇنغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

«13-بەش يىل»دىن بۇيان، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بەش قېتىملىق يىغىنىدىن 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سەككىز قېتىملىق يىغىنىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۆزى پىلانلاپ، پۈتۈن ۋەزىيەت نەزەرى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ رولىنى تۇتۇپ يول باشلىدى.

ئىدىيە يېتەكچىلىك قىلدى، يېڭى ئىدىيە تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى

ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم، زور ۋەزىپىسى.

2018-يىلى 3-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»دە مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىغا ئۆزگەرتىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«13-بەش يىل»دىن بۇيان، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىن مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 13 قېتىملىق يىغىننى ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، 20 نەچچە مۇھىم، زور قارالمىنى تەتقىق قىلىپ، يەر شارىۋى نەزەر دائىرە ۋە ئىنتايىن كەڭ ئەندىزە بىلەن دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك سىياسىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى، 165 تۈرلۈك مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىنى كېڭەيتىش، دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپلەرنىڭ ئۇل ئىقتىدارى ۋە كەسىپلەر زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش...

13 قېتىملىق يىغىندىكى ھەربىر مۇھىم، زور قارالمىنىڭ ھەممىسىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قايتا-قايتا تەتقىق قىلىپ، ئەتراپلىق ئويلانغاندىن كېيىن ئۆزى بېكىتتى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىگەنلىكىنى نامايان قىلدى −

2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، «13-بەش يىل» يېڭى ۋەزىيىتى ئەمدىلا باشلانغاندا، مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىنىڭ تۇنجى قارالمىسىدا دىققەت «تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات»قا مەركەزلەشتۈرۈلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىككى قېتىملىق مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا «تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات» ئاچقۇچلۇق سۆز بولدى.

شۇ چاغ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى نورمال ھالەتكە كىرىپ، «ئۈچ مەزگىل ئۈستىلىنىپ كەتكەن» پەيت بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى گەۋدىلەنگەن، ھەدېسىلا تۈر تۇرغۇزۇش، كۆلەمنى كېڭەيتىۋېتىش قاتارلىق يىرىك تەرەققىيات كونا يولىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولماي قالغانىدى.

مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پىلانلىغان «تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات» دېگەن سۆز ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى. يۈرۈشلۈك يىغىنلاردىكى ئورۇنلاشتۇرمىلار بۇ ئىسلاھاتنىڭ مۇھىملىقىنى نامايان قىلدى.

«ئىدىيەۋى تونۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، قالدۇقنى تۈگىتىش، پىشاڭنى تۈگىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، بۇ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك، <13-بەش يىل>نىڭ باشلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك» دەپ كۆرسەتتى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

13 قېتىملىق يىغىندىكى ھەربىر ئاچقۇچلۇق تەدبىردە ھەم مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلدى، ھەم كەلگۈسىنى پىلانلاش كۆزدە تۇتۇلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى −

ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشچىسى.

2015-يىلى 10-ئايدا، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «13-بەش يىل»، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

بەش يىلدىن كېيىن، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «14-بەش يىل» ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.

يېڭىلىق يارىتىش بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىچىدە ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە «يادرولۇق ئورۇن»دا تۇرىدۇ.

ۋاقىتنى 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنىگە ياندۇرساق، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈزبېرىپ ئون يىل بولغان پەيتتە، مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنىدا دىققەت مۇنداق بىر يادرولۇق قارالمىغا مەركەزلەشتى: ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

بۇ قېتىمقى يىغىندا «ھەقىقىي تۈردە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە كىرىزىس تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ يېتىشىۋېلىش كېرەك» «ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئادەمنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشتا» «ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك»... دەپ تەكىتلەندى.

پەن تەتقىقات خادىملىرىغا ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىلدى، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى مۇكاپاتلاش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى... بەش يىلدىن بۇيان، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئىسلاھاتلار ئارقا- ئارقىدىن ئەمەلىيلەشتى. يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلەندۈرۈش جەريانىدا سىجىل ئۇرغۇپ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر چاچتى.

تەرەققىياتتا «بايلىق»قىلا قاراپ قالماي، يەنە «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ» قىمۇ قاراش كېرەك.

2016-يىلى 1-ئايدىكى مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «چاڭجياڭ دەرياسىغا چېتىلىدىغان بارلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك».

ئىككى يىلدىن كېيىنكى مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىدا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، 2020-يىلىغىچە ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى زور كۆلەمدە ئازايتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاش، بىرنەچچە مەيدان بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم، زور جەڭ قىلىش تەلەپ قىلىندى.

بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سالمىقىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى، 2019-يىلى بىرلىك GDPنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى 2015-يىلىدىكىدىن %13.2 تۆۋەنلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 337 ۋىلايەت دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن سانى نىسبىتى %82كە يەتتى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەشنىڭ باسقۇچلۇق نىشانى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاندى.

يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى، ماس بولۇش ئىچكى ئالاھىدىلىككە ئايلاندى، يېشىل بولۇش ئومۇميۈزلۈك ھالەتكە ئايلاندى، ئوچۇق بولۇش مۇقەررەر يولغا ئايلاندى، ھەمبەھرە بولۇش تۈپ مەقسەتكە ئايلاندى −

بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەر پات يېقىندا تاماملىنىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلمەكتە، 2020-يىلى GDPنىڭ 100 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP ئون مىڭ دوللارلىق بوسۇغىدىن ئاتلىدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئىزچىل %30 ئەتراپىدا بولۇپ، سىجىل تۈردە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ»قا ئايلاندى.

تارىخ چاقى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى.

دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشى ئىگىلەندى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراخوتىنى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ يىراققا سەپەر قىلىشقا يېتەكلىمەكتە.

خەلق ھەممىدىن ئەلا، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما خەلق تۇرمۇشىنىڭ يېڭى يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى

ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىش پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلغا يېقىن كۈرەش مۇساپىسىدە خەلقنى يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى كۈچ مەنبەسى.

بەش يىلدىن بۇيان، ھەر قېتىملىق مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىدا، «خەلق تۇرمۇشى» روشەن يۆنىلىشكە ئايلاندى.

شىمالدىكى رايونلاردا قىش پەسلىدە پاكىز ئىسسىنىش ئالغا سىلجىتىلدى، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىكى تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇش يولغا قويۇلدى، ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى، تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە بازىرى قېلىپلاشتۇرۇلدى ۋە ئۆي-زېمىن ساھەسىدىكى كۆپۈك ھالەت تىزگىنلەندى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى...

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئالتە «كىچىك ئىش» «ئەتراپىدىكى ئىش» مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 14-قېتىملىق يىغىنىنىڭ مۇھىم قارالمىسى بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇنداق كۆرسەتتى: «شىمالدىكى رايونلاردا قىشتا پاكىز ئىسسىنىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئالتە مەسىلىنىڭ ھەممىسى چوڭ ئىش، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش، مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى».

«كىچىك ئىش» «كىچىك» ئەمەس، ئۇ خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، خەلق رايىغا بىۋاسىتە چېتىلىدۇ.

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىشىلەرنى ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك».

«13-بەش يىل» مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان باسقۇچ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن بىر زور ئىش.

2018-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، يېڭىدىن تەشكىللەنگەن مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى 1-قېتىملىق يىغىن ئاچتى، تەتقىقات قارالمىسى دەل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا: «نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، جەزمەن جەڭدە غەلىبە قىلىش، جەڭنى ياخشى قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى چۆرىدەپ تېخىمۇ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا، كۈچلۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

2019-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تاماملىنىشىغا يەنە ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت قالغاندا، مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش مەسىلىسى تەتقىق قىلىندى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق»نى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تە دۇچ كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى قورغانغا نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىش كېرەك.

بۈگۈنكى كۈندە، گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ قېپقالغان توققۇز نامرات ناھىيەنىڭ نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى يېقىندا جاكارلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزدىكى 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يىلتىزى خەلق، جان تومۇرى خەلق.

ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىنى كېڭەيتىش، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش... ھەر قېتىملىق يىغىن ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ھەربىر ھەقىقىي، ئەمەلىي تەدبىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق مەركەز قىلىنغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر نامايان قىلدى.

«مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن».

«13-بەش يىل»غا قايتا نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى باشتىن - ئاخىر ئېغىشمايدىغان كۈرەش نىشانى قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈگىمەس كۈچ قوشتى.

كەلگۈسىگە يۈزلەندى، يېڭى ئەندىزە تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى قايتا ياراتتى

بۇ يىل باش قىشتا، جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا، چېڭدۇدىن چۇڭچىڭغا بارىدىغان يولۇچى توشۇش مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ دەرىجىسى جىددىي ئۆستۈرۈلمەكتە. يېقىن كەلگۈسىدە، ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ۋاقتى بىر سائەت ئىچىگە قىسقارتىلىپ، «بىر سائەتلىك تۇرمۇش چەمبىرىكى» ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

«قوش شەھەر خاتىرىسى»نى ياخشى ئېيتىپ، ئىقتىساد چەمبىرىكىنى ئورتاق قۇرۇش كېرەك.

جۇڭگونىڭ «14-بەش يىل» ۋە 2035-يىلىغا يۈزلەنگەن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىدا، «چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» بىردىنلا تىلغا ئېلىندى. دۆلەتنىڭ بەش چوڭ ئىستراتېگىيەسىدىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ رايون تەرەققىياتىدىكى «2-زاپاس ئەترىتى» بارلىققا كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئاۋانگارت ئەزالار».

بۇ يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىدا، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش مۇھىم قارالما قىلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، غەربىي رايوندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئايلاندى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىدا، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىمۇ مۇھىم قارالما بولغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى رايونلارنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن، ئىش تەقسىماتىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئەلالاشتۇرۇش يولىدا مېڭىپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوشلۇقنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئۇزاق مەزگىلنى كۆزدە تۇتۇش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش.

«13-بەش يىل»غا قايتا نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشنى كۆزلەپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى، دۆلەتنىڭ ھەربىر مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى رايونلار ماس تەرەققىياتىنىڭ «يول»لىرىنى راۋانلاشتۇردى، ھەرقايسى چوڭ رايون بۆلەكلىرى ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ئەگەر، رايون ئىستراتېگىيەسى نەزەرنى ئىچكى قىسىمغا قارىتىش دېيىلسە، ئۇنداقتا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇپ، پۈتۈن يەر شارىغا نەزەر تاشلاش دېگەنلىكتۇر.

2017-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 16-قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، دىققەتنى مەبلەغ سېلىش ۋە بازار مۇھىتىنى ياخشىلاش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈردى.

«مەبلەغ سېلىش ۋە بازار مۇھىتىنى ياخشىلاپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بازارنىڭ يۈرۈشۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، مۇقىم، باراۋەر، ئوچۇق، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم سۆزى دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئىرادىسىنى جاكارلىدى.

جەمئىي 138 دۆلەت ۋە 31 خەلقئارا تەشكىلات بىلەن 201 پارچە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالاندى، 21 ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىندى، 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» (RCEP)غا پائال تۈرتكە بولۇندى ۋە ئىمزالاندى. بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلىدى، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش تېزلىتىلدى.

دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانى يۇغۇرغاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئاندىن ئۈزلۈكسىز يېڭى بوشلۇق ئاچقىلى بولىدۇ.

ئىقتىسادنىڭ زامانىۋىلىشىشى كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىستراتېگىيەلىك ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت سەككىز خەتلىك فاڭجېننى چۆرىدەپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلارنىڭ كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش داۋامىدا تېخىمۇ كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە، تېخىمۇ يۇقىرى قوشۇلما قىممەتكە ئىگە كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، «دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش» مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ سىرتنىڭ كەڭ كۆلەمدە دىققىتىنى تارتتى.

ئەمەلىيەتتە، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە قارىتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاللىبۇرۇن پىلان تۈزۈپ بولغانىدى.

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىگە دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە» تېمىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، تۇنجى قېتىم يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش مۇھىم ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بەش ئايدىن كېيىن، 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 8-قېتىملىق يىغىنىدا، زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلەندى.

بەزى چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق باھا بەردى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشىدىكى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى.

بەش يىلدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى ئاچقان 13 قېتىملىق يىغىنغا ئومۇمىي جەھەتتىن نەزەر سالساق، تەتقىق قىلىپ تەدبىر تۈزۈلگەن نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇزاق مۇددەتلىك، ئىستراتېگىيەلىك زور ئىشلاردۇر.

سىياسەتنىڭ قىممەتلىك يېرى يۈرگۈزۈشتە، ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئەمەلىي ئىشلەشتە.

2017-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىدا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ھەر قېتىملىق مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنلىرىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، خۇلاسىلەندى.

بۇ يىل ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 8-قېتىملىق يىغىنىنىڭ مۇھىم بىر قارالمىسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنلىرىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش بولدى.

«ھازىر، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى-تاشقى مۇھىتى مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، نۇرغۇن مەسىلىنى جەزمەن يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن پىلانلاش ۋە ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك».

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى تەشەببۇسكارلىق ۋە ئاڭلىقلىقنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك».

...

بەش يىلدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، تەتقىق قىلىپ تەھلىل قىلىدىغان، تەدبىر بەلگىلەپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇكەممەل مېخانىزمنى شەكىللەندۈردى، جۇڭگو ئىقتىسادىنى پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغان تەرەققىيات قارىشى ۋە مېتودولوگىيە كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى.

تەرەققىيات يولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولمايدۇ، پەقەت يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىلا بولىدۇ.

ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى پات يېقىندا باشلىنىدۇ. شىددەتلىك بوران-چاپقۇندىن قورقماي، جاسارەت بىلەن بوران-چاپقۇنغا قارشى ئاتلانغاندىلا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوت جەزمەن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ.

(مۇخبىرلار خەن جيې، ليۇ خۇڭشيا، چى جۇڭشى، چېن ۋېيۋېي، جوۋيۈەن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى)