«بىخەي 2020» ناملىق مەخسۇس قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى مول بولدى

日期:2020年12月09日
来源:新疆日报网
【字体:

«بىخەي 2020» ناملىق دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش مەخسۇس قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى يېقىندا ئوڭۇشلۇق ئاخىرلىشىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو دېڭىز ساقچى ئىدارىسى دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيە مۇھىتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئېكولوگىيەنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەپ، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، دېڭىز-ئوكيان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، دېڭىز-ئوكياندا نېفىت چارلاش، ئېچىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، دېڭىز-ئوكيان تاشلاندۇقلىرىنى تۆكۈش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش قاتارلىق سەككىز جەھەتنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق تۈر، قىزىق نۇقتا رايونى، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مارجان خادا تاشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دېڭىز قۇمىنى ئوغرىلىقچە قېزىش، قانۇنسىز كېرەكسىز نەرسىلەرنى تۆكۈش، قىرغاق لىنىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، سۇلۇق يەرنى ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەردى.

ھەرىكەت مەزگىلىدە، ھەر دەرىجىلىك دېڭىز ساقچى ئورگانلىرى بىلەن يەرلىك دېڭىز ئۈستى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش، قۇرۇقلۇقتا چارلاش ۋە دېڭىز ئۈستىدە چارلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، دېڭىز-ئوكيان قۇرۇلۇشى، تاشلاندۇق تۆكۈش تۈرى، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون، نېفىت سۇپا ئەسلىھەلىرى، ئاھالىسى بار (يوق) دېڭىز ئارىلى قاتارلىقلارنى 3397 قېتىم تەكشۈرۈپ، قانۇنسىز تاشلاندۇق تۆكۈش، دېڭىز-ئوكيان تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايونىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق دېلودىن 59نى، قۇمغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي دېلودىن 235نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، قانۇنسىز كان قېزىش قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 386نى تەھقىقلەپ بېجىردى، دېلوغا چېتىشلىق 676 كېمە، 4 مىليون 420 مىڭ توننا دېڭىز قۇمىنى تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قالدى.