يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى باش تېما قىلىپ، «14-بەش يىل»دا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

(پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە)

日期:2020年12月09日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ)دە «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى نامايان قىلغان بولۇپ، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە ئۇنى قوللىنىشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىشنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك.

ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش لازىم. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا «دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئايلاندى» دېگەن زور ھۆكۈم چىقىرىلدى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تېخىمۇ تولۇق تەمىنلەپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ، رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى سۈپەت ۋە سان جەھەتتىن يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇنىڭدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات «تەرەققىي قىلدىمۇ-يوق» دېگەندىن تارتىپ، «ياخشى تەرەققىي قىلىش-قىلالماسلىق»قىچە تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ھەم مەسىلە، ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدۇر. جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىش جەريانى دەل يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنلەشنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تېزلىتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇش جەريانى، شۇنداقلا «14-بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسىدۇر.

http://uyghur.people.com.cn/307382/15832307.html