شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكسى ۋېيشيەن ناھىيەسى زاۋيۈەن يېزىسى ۋېيجياجەي كەنتى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مەۋقەنى شۇ جاينىڭ تېرىق، تاتلىق ياڭيۇ، كەسمە چۆپ قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تېرىش، پىششقلاش ئەۋەزەللىكىگە قويۇپ «ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى كۆگەزمىسى مۇلازىمەت سۇپىسى» قۇرۇپ، «شەھەر، يېزا تېز يەتكۈزۈش» ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش-يەتكۈزۈش سىستېمىسىغا تايىنىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئوبوروتىدىكى «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ئېچىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۇ شۈدۇڭ فوتوسى