توردىكى باھالاش-مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش لازىم

日期:2020年12月08日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ قانات يايدۇرۇلغان تۈرلۈك باھالاش-مۇسابىقە پائالىيەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، كىشىلەر ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتاللىرىدىمۇ ياردەملىشىپ بېلەت تاشلاش، قوللاش تەلەپ قىلىنغان ئۇلىنىشلارنى دائىم كۆرۈپ تۇردى.

قاتتىق، نوپۇزلۇق، ئەمەلىي باھالاش-مۇسابىقە پائالىيەتلىرى خىزمەت ئۈنۈمىنى سىناش، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ئىلغار بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق. ھالبۇكى، يامراپ كەتكەن، ئەمما نوپۇزى بولمىغان باھالاشلار ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز. توردىكى بەزى باھالاشلار كىشىنى بىئارام قىلىدۇ، بۇنىڭدىكى بىر سەۋەب شۇكى، نامى كۆپ، قىممىتى تۆۋەن باھالاش ئاپپاراتى، باھالاش جەريانى، ھەتتا باھالاش نەتىجىسى كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. توردىكى بەزى باھالاشلاردا سېلىشتۇرۇلىدىغىنى خىزمەت نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى «بارماق ئۇچىدىكى ماھارەت»، توردىكى يۈرەك يىغىش ئىقتىدارى. بۇنداق پائالىيەتلەر باھالاشنىڭ دەسلەپكى مەقسىتىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش زېھنىنى چېچىۋېتىشى مۇمكىن.

دەسلەپكى مەقسەتكە خىلاپ بولغان توردىكى باھالاشلار نېمىشقا پات-پات پەيدا بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە: بىر تەرەپتىن، تونۇش جەھەتتە ئېغىش كېلىپ چىققانلىق سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدۇ. بەزىلەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ بېلەت تاشلاش ئارقىلىق مۇكاپات لوڭقىسىنى، شان-شەرەپنى، مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدۇ، ھەتتا پۇل خەجلەپ شان-شەرەپنى سېتىۋېلىشقا قىزىقىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بەزى باھالاشلاردا مەنپەئەت قوزغىتىش ئامىللىرىمۇ بار. بەلگىلىمىگە خىلاپ باھالاش پائالىيىتى توغرىسىدىكى بىر پارچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، مەلۇم جەمئىيەت ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە باھالاشقا تايىنىپ، نەچچە مىليون يۈەن «كىرىم» قىلغان. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ توردا باھالاش ئارقىلىق ھەق ئالىدۇ، باھالاشقا قاتناشقۇچىلار مۇكاپات تۈرى، شان-شەرەپكە ئېرىشىدۇ، «ھەركىم ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ»، بۇ، مەلۇم دەرىجىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باھالاشنى بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. باھالاش كىشىلەر قەلبىگە، ئادىللىققا مۇناسىۋەتلىك. ئالاقىدار تارماقلار ۋە تور سۇپىلىرى توردىكى باھالاشنى قانۇن بويىچە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، توردىكى باھالاش تۈرلىرىنى تىرىشىپ ئازايتىپ، ئەمەلىي ئىجتىمائىي ئۈنۈمى بولمىغان باھالاش پائالىيەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشكەن، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاراتقۇلارنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، بەزى جايلار ھەتتا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئورۇن ۋە شەخسلەردىن توردا باھالاش، رەتكە تۇرغۇزۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ، خاتا نەتىجە قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، ئاسانلا شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇمۇ بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، شەكىلۋازلىق قاتارلىق ئىستىل مەسىلىلىرى كۆپ ھاللاردا بىر تۇتۇلسا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، بوشاشتۇرۇپ قويۇلسا قايتا باش كۆتۈرۈپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك.

http://uyghur.people.com.cn/307382/15832173.html