جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يولداش جوۋ يۇڭكەي، جاڭ گۇيمېيغا ۋە يولداش يۈ خەيجۈن، لى شيا، لۇ يۇڭگېن، جاڭ شياۋجۈەن، جاسارەت مەخسۇتقا «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىش ۋە تولۇقلاپ نام بېرىش توغرىسىدىكى قارارى

日期:2020年12月05日
来源:新疆日报
【字体:

(2020- يىلى 12- ئاينىڭ 3-كۈنى)

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى جەريانىدا، ھەرقايسى جايلاردا زور بىر تۈركۈم غايە - ئېتىقادتا چىڭ تۇرغان، يۈكسەك پەللىنى ساقلىغان، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتا چىڭ تۇرغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتقان پارتىيە ئىچىدىكى ئىلغار تىپلار بارلىققا كەلدى. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىلغارلارنى تەقدىرلەش، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يولداش جوۋ يۇڭكەي، جاڭ گۇيمېيغا ۋە يولداش يۈ خەيجۈن، لى شيا، لۇ يۇڭگېن، جاڭ شياۋجۈەن، جاسارەت مەخسۇتقا «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىش ۋە تولۇقلاپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.

جوۋ يۇڭكەي، ئەر، خەنزۇ، سىچۇەن باجۇڭدىن، 1928 - يىلى 3 - ئايدا تۇغۇلغان، 1945 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شۇ يىلى شۇ ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، سىچۇەن ئۆلكىسى داشيەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، 1991 - يىلى 6 - ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان. يولداش جوۋ يۇڭكەي بىر ئۆمۈر پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، باشتىن - ئاخىر كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «پارتىيەگە ئۆمۈرلۈك ئەگىشىش»تىن ئىبارەت ھېكىمەتلىك سۆزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسەتكەن. ئۇ پارتىيە ئىشلىرىغا چەكسىز سادىق بولۇپ، ئازادلىقتىن ئىلگىرى ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي شىمالىي سىچۇەن رايونىدا پارتىيەنىڭ يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەيلى ئىش ئورنىدا بولسۇن ياكى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن بولسۇن، نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلىغان، ئۇ پۇقرالار قەلبىدىكى «پېشقەدەم ئىنقىلابچى جوۋ يۇڭكەي». ئۇ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، شۇ جاينىڭ ئورمانچىلىق خىزمىتىنى مەملىكەت بويىچە ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولغان؛ چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان. ئۇ «مەن دەم ئېلىشقا چىقسام بولىدۇ، لېكىن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتىمدىن مەڭگۈ دەم ئېلىشقا چىقمايمەن» دېگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى يېتەكلەپ ئورماننى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئورمان بىنا قىلىپ، شۇ جايدا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرغان. ئۇ ئاممىنى يېقىن كىشىلىرىدەك كۆرۈپ، ئون نەچچە يىل پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەرگەن ۋە تۈرتكە بولغان. ئۇ نام - مەنپەئەتكە بېرىلمەي، ئېسىل ئائىلە ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پاك بولۇشتەك سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىغان.

جاڭ گۇيمېي، ئايال، مانجۇ، خېيلۇڭجياڭ مۇدەنجياڭدىن، 1957 - يىلى 6 - ئايدا تۇغۇلغان، 1975 - يىلى 12 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1998 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى، خۇاپىڭ ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى (خۇاپىڭ بالىلار ئائىلىسى)نىڭ باشلىقى. يولداش جاڭ گۇيمېي بارلىقىنى چېگرادىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ۋە بالىلار پاراۋانلىق ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى پۈتۈنلەي ھەقسىز قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى قۇرغان، ئۇ خۇاپىڭ بالىلار ئائىلىسىدىكى 130 نەچچە يېتىم بالىنىڭ «ئانىسى». ئۇ قىزىل مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش، تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، جاپا - مۇشەققەتكە چىدايدىغان پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا يېتەكلىگەن. ئۇ ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم نەزەرىيە ئۆگىنىش، بىر قېتىم پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلايدىغان تەشكىلىي تۇرمۇشنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدىكى ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان. ئۇ ئۇزاق يىل ئائىلە زىيارىتى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، 110 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، 1300دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشتىن قالدۇرۇپ قويمىغان، ئوقۇغۇچىلارنى بىلىم ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. ئۇ تۇرمۇشتا ناھايىتى ئاددىي - ساددا بولۇپ، ئۆزىگە كەلگەندە ناھايىتى «پىخسىق» ئىدى، ئەمما مائاشى، مۇكاپات پۇلىنى ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلغان. ئۇ مۇستەھكەم قەتئىي بولغان جان تىكىپ ئېلىشىش روھى ۋە شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاشتەك چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى شەرھلىگەن.

يۈ خەيجۈن، ئەر، خەنزۇ، ئىچكى موڭغۇل ۋېڭنيۇتې خوشۇنىدىن، 1963 - يىلى 11 - ئايدا تۇغۇلغان، 1986 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1987 - يىلى 7 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى چوڭ ھىنگان تېغى نۇقتىلىق دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى گېنخې ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشى ئالىي ئىنژېنېرى. 2019 - يىلى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، شاڭياڭ گېچى ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى تاغ ئوتىنى ئۆچۈرۈۋاتقاندا بەختكە قارشى 55 يېشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. يولداش يۈ خەيجۈن يېڭى دەۋردىكى ئورمانچىلىق سېپىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، ئۇنىڭ جىسمىدا چوڭ ھىنگان ئورمانچىلىق رايونىدىكى 70 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھى مەركەزلىك گەۋدىلەنگەن. ئۇ پارتىيەگە سادىق، ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگرا ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، چوڭ ھىنگان ئورمانچىلىق رايونىدا 32 يىل ئۈن - تىنسىز چىڭ تۇرغان. ئۇ كەسىپكە پىششىق، تىرىشچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، كۆپ تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك ئورمانچىلىق كەسپى ئۆلچىمىنى تۈزۈشكە قاتناشقان، ئورمان بايلىقىنى تەكشۈرۈش، پىلانلاش، لايىھەلەش قاتارلىق 100دىن ئارتۇق تۈرگە قاتناشقان ۋە ئۇنى تاماملىغان، «تولۇقلاپ تىكىش، تولۇقلاپ بىنا قىلىش» ئۇقۇمى ۋە ئورمان باشقۇرۇش تەدبىرىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بىر گەۋدە، ئىككى قانات» ئورمان بايلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتقان. ئۇ ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك - دۇرۇس، كەمتەر، سەمىمىي بولۇپ، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.

لى شيا، ئەر، خەنزۇ، ئەنخۇي خۇاڭشەندىن، 1986 - يىلى 7 - ئايدا تۇغۇلغان. 2007 - يىلى 9 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 2014 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئەنخۇي ئۆلكىسى جىشى ناھىيەسى جىڭجوۋ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى، ناھىيەلىك رېۋىزىيە كومىتېتى جىڭجوۋ يېزىسىغا ئەۋەتكەن سابىق رېۋىزىيە مەخسۇس خادىمى. 2019 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى «لىچىما» ناملىق دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنىغا تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش جەريانىدا 33 يېشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان. يولداش لى شيا پارتىيەگە سادىق، ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇپ، جەنۇبىي ئەنخۇي تاغلىق رايونىدا يىلتىز تارتىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانغا بېرىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن كۆپ قېتىم ۋاز كېچىپ، ئەڭ جاپالىق، ئەڭ چەت، يىراق يېزا - بازار ئاساسىي قاتلاملىرىدا ياشلىق باھارىنى كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە رازى بولۇپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەردە باتۇرلۇق بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان. ئۇ ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، چاقىرغان ھامان كەلگەن، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ھەممىسى «ئىشى بولسا لى شيانى ئىزدەيتتى»، نامرات ئائىلىلەر ئۇنى «ئۆز بالىمىزدىنمۇ يېقىن» دەپ ماختايتتى. ئۇ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ، قايسى كەسىپنى قىلسا، شۇ كەسىپنى سۆيگەن، شۇ كەسىپكە ماھىر بولغان، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، قىيىنىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلغان. ئۇ ئاددىي - ساددا، مېھرىبان ئىدى، تۇغقانلىرىنى سۆيەتتى، ئائىلىسىنى سۆيەتتى، ھەمىشە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن باشقىلارغا ياردەم بېرەتتى، ئالىيجاناب پەزىلىتى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى ھەربىر كىشىنى تەسىرلەندۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتقان.

لۇ يۇڭگېن، ئەر، خەنزۇ، 1930 - يىلى 12 - ئايدا شياڭگاڭدا تۇغۇلغان، ئەسلىي يۇرتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجوۋ شەھىرى، 1947 - يىلى 12 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1949 - يىلى 8 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خۇانەن يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ سابىق مەكتەپ مۇدىرى، پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى. 2019 - يىلى 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 89 يېشىدا ۋاپات بولغان. يولداش لۇ يۇڭگېن دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق يېزا ئىگىلىك ئالىمى، زىرائەت ئىرسىيەتشۇناسى. ئۇ پارتىيەگە، ۋەتەنگە چەكسىز مۇھەببەت باغلاپ، شياڭگاڭدىكى ئەۋزەل تۇرمۇش شارائىتىدىن قەتئىي ۋاز كېچىپ، پۈتۈن ھاياتى ۋە زېھنىنى ۋەتەننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىلمى ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. ئۇ بىلىملىك، ئەخلاقلىق، ئىلىم تەتقىقاتىدا ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن شالنىڭ ئىرسىيىتى بويىچە سورت يېتىشتۈرۈش تەتقىقاتىغا ئاتلىنىپ، بىر قاتار مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك - دۇرۇس ئىدى، باشقىلارغا شوتا بولۇشقا رازى ئىدى، خۇانەن يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولغان 12 يىلدا دادىل تەدبىر قوللىنىپ ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولغان، ئادەم تاللاش - ئىشلىتىشتە بىر ئۆلچەمگىلا ئېسىلىۋالمىغان، ئۆزى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا ئەزەلدىن ئالاھىدە ئېتىبار قىلمىغان، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئۇ بىر ئۆمۈر تېجەشلىك بولۇپ، نام - مەنپەئەت قوغلاشماي، بىر ئۆمۈر ئىقتىسادچىللىق بىلەن يىغقان 8 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنىڭ ھەممىسىنى مەكتەپكە ئىئانە قىلغان ھەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن جەسىتىنى تېببىي پەن تەتقىقات ئىشلىرىغا ھەقسىز تەقدىم قىلىشنى ۋەسىيەت قىلىپ، نەمۇنىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق «بارلىقىنى پارتىيە ۋە ۋەتەنگە تەقدىم قىلىش»تەك ئەسلىي مەقسەت قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلغان.

جاڭ شياۋجۈەن، ئايال، زاڭزۇ، گەنسۇ جوۋچۈدىن، 1985 - يىلى 4 - ئايدا تۇغۇلغان، 2008 - يىلى 9 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 2010 - يىلى 8 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، گەنسۇ ئۆلكىسى جوۋچۈ ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى. 2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، جوۋچۈدىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاپ قايتىش سەپىرىدە قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، 34 يېشىدا بەختكە قارشى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان. يولداش جاڭ شياۋجۈەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە بوشاشماي كۈرەش قىلغان مۇنەۋۋەر ياش كادىر. ئۇ پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئۆزىنى بېغىشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ شەھەردە ياشاش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، يۇرتىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرىغا پائال ئاتلانغان. ئۇ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالاتتى، ئەمەلىيەتچىل، تىرىشچان ئىدى، كەسپىي ماھارىتى ئۈستۈن، كەسپىي سەۋىيەسى يۇقىرى ئىدى، مەيلى يېزا - بازاردا خىزمەت قىلسۇن ياكى ئىش تەقسىماتى بويىچە پۈتۈن ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولسۇن، ھەممىسىدە سىياسەت، سانلىق مەلۇماتلار جەھەتتىكى «تىرىك لۇغەت»، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى «باشلامچى» بولۇپ، شۇ جاينىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىدا «كەم بولسا بولمايدىغان ئادەم»گە ئايلىنىپ، جوۋچۈ ناھىيەسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇ شەخسىي مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىپ، كوللېكتىپنى ئويلاپ، تاغلىق رايوندىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىسى ۋە سەبىي بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا چولىسى تەگمىگەن بولسىمۇ، پۇقرالارنىڭ غېمىنى يەيدىغان «زېرەك قىز»غا ئايلانغان.

جاسارەت مەخسۇت، ئەر، ئۆزبېك، شىنجاڭ ئۈرۈمچىدىن، 1962 - يىلى 10 - ئايدا تۇغۇلغان، 1984 - يىلى 10 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1995 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى. 2020 - يىلى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 57 يېشىدا ۋاپات بولغان. يولداش جاسارەت مەخسۇت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭغان. ئۇنىڭ سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم، پارتىيەگە چەكسىز سادىق بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بېجىرىشتە قىلچە قورقماي، ئاخىرغىچە تەكشۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى قەتئىي يوقاتقان. ئۇ خىزمەتتە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە 32 يىل چىڭ تۇرۇپ، قوشۇننى باشلاپ مۇھىم، زور گۇمانىي، قىيىن دېلولارنى كۆپ قېتىم پاش قىلىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە كۈرەش قىلغان. ئۇ ئاممىغا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى جەريانىدا كەنتنى ئارىلاپ ئائىلىلەرگە كىرىپ، پۇقرالار بىلەن پاراڭلىشىپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغان، غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتكەن. ئۇ خىزمەتداشلىرىغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتى، ئايىماي ئۆگىتەتتى، ئۆزى پاك - دۇرۇس، تەلەپچان ئىدى، ئائىلىسىدىكىلەرگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى، ئۇ ئالىيجاناب، پاك، قەلبى چەكسىز مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ئىدى.

جوۋ يۇڭكەي قاتارلىق يەتتە يولداش يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغار نەمۇنىلىرى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن شانلىق ئۈلگىلىرى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىردى. ئۇلارغا ئوخشاش پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئېتىقادى چىڭ بولۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى قەلبىگە پۈكۈپ، يۈكسەك مەنىۋى تۈۋرۈك تىكلەپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم قىلىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، ئىرادىسىدىن قايتماي پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش؛ ئۇلارغا ئوخشاش ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاممىغا رىشتە باغلاپ، روشەن بولغان خەلق مەيدانىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئامما ئېھتىياجلىق بولغاندا ياردەم بېرىپ، چىن قەلبىدىن خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، خەلقنىڭ ئاغرىنىشىنى پەسەيتىپ، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن قەلبداش بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش؛ ئۇلارغا ئوخشاش جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، تۈمەنلىگەن جاپا - مۇشەققەتتىمۇ يەنىلا قەيسەر بولۇش ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپ، قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەر ئالدىدا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، بەرداشلىق بېرىپ، ئېغىر، زور خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور توسالغۇلارنى يېڭىش، ئېغىر، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىش؛ ئۇلارغا ئوخشاش ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، سەمىمىي - شەخسىيەتسىز بولۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جاپادا ئالدىدا، راھەتتە كەينىدە تۇرۇپ، پاك ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى جوۋ يۇڭكەي قاتارلىق يەتتە يولداشنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشى، ئۇنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىقاتنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلغارلار، نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئىلغار تىپلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى روھقا سىڭدۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ساقلاپ، روھىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، جۈرئەتلىك بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم بىلىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە قايتا قوراللىنىپ، قايتا سەپەرگە ئاتلىنىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئورتاق پۈتۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)