قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا باشلامچىلىق بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىش لازىم

日期:2020年12月04日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش − بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، سىستېمىلىق، بىر پۈتۈنلۈك، ماسلىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى − نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.» قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا باشلامچىلىق بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ بىر مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى − پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مەسئۇلىيىتى ئېنىق، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇش» تەلىپىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مەسئۇلىيىتى ئېنىق، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇش − دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە ئاچقۇچلۇق قەدەم-باسقۇچىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «قانۇنچىللىق ئارقىلىق مەمۇرىي ھوقۇققا قائىدە بېكىتىپ، چەك-چېگرا ئايرىپ، مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش كېرەك.» بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتى ئېنىق، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا قارىتا چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

قانۇنچىللىق − دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي شەكلى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تايانچى. زامانىۋى ئىدارە قىلىشتا قانۇننىڭ ئېنىقلىقى ۋە كۆزلىمىلىكى ئارقىلىق جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ، بىرقەدەر پىشىپ يېتىلگەن، قېلىپلاشقان قانۇن-تۈزۈم ئورنىتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە تۈزۈم بويىچە ئىش قىلىش، تەرتىپ بويىچە ئىش قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھوقۇقنى قانۇنچىللىق يولىدا يۈرگۈزۈش، كىشىلەرنىڭ ئەمەل قىلىدىغان قائىدىسى بولۇش، جەمئىيەتنىڭ تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

http://uyghur.people.com.cn/307382/15831847.html