جىنەندە ئاق قۇلار قۇياش نۇرىدا پەرۋاز قىلىپ گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى

日期:2020年11月30日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا تورى خەۋىرى:تاڭ سەھەردە، بىر نەچچە ئاق قۇ قۇياش تامان ئۇچۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى چۆشەن سۇ ئامبىرىنىڭ چېنشا كۆلچىكىگە كېلىپ، بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىنى باشلىۋەتتى، شۇنداقلا نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى كېلىپ سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل قىشتا جىنەنگە كېلىپ قىشلايدىغان ئاق قۇلار ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ئاي بۇرۇن كەلگەن بولۇپ،سانى 20دىن ئاشىدىكەن. جىنەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىشى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قۇشلارنى سۆيۈش، قۇشلارنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ يەرگە كېلىپ قىشلايدىغان پەسىل قۇشلىرىنىڭ تۈر توپى كۈنسېرى كۆپىيىپ، جىنەننىڭ قىش پەسلىدىكى بىر گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىسىگە ئايلانغان.

شىنخۇا تورىتارقاتتى(جۇڭ فۇشېڭفوتوسى)