ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش چىڭخەينىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

日期:2020年11月30日
来源:新疆日报网
【字体:
 
چىڭخەي ئۆلكىسى تەۋەلىكىگەجايلاشقان خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى لىجياشيا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى سۇ قويۇپ بەرمەكتە(7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇگاڭ فوتوسى

شىنخۇا تورى خەۋىرى: «13-بەش يىل»دىن بۇيان، چىڭخەي ئۆلكىسى دۆلەتنىڭ مۇھىم يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە كەسپى بازىسى قۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك نىشان قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈپ، 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيە بازىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى. ھازىرغىچە، چىڭخەي ئۆلكىسى خەينەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە گېنىراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ سىغىمى 15 مىليون كىلوۋاتتىن، خەيشى موڭغۇل-زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە گېنىراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ سىغىمى 10 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى. چىڭخەي ئۆلكىسى ئون مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك ھاسىل ئېنېرگىيە بازىسىغا تايىنىپ، كۆپ خىل ئېنېرگىيەدە بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، توپلاشتۇرۇلغان، سەرخىل پاكىز ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئۈلگە ئۆلكىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيەنىڭ پاكىز، يېشىل بولۇش تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ خۇڭشياڭ فوتوسى

 
چىڭخەي ئۆلكىسىگە جايلاشقان خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى لىجياشيا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى سۇ قويۇپ بەرمەكتە (7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ گاڭ فوتوسى

 
11-ئاينىڭ 26-كۈنى، چىڭخەي ئۆلكىسى خەينەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۇڭخې ناھىيەسىدىكى داتاڭ 300 مىڭ كىلوۋوتلىق باھا تالاشتۇرۇلغان فوتوۋولت تۈرى نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار قۇراشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ خۇڭشياڭ فوتوسى

 
11-ئاينىڭ 26-كۈنى، چىڭخەي ئۆلكىسى خەينەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۇڭخې ناھىيەسىدىكى داتاڭ 300 مىڭ كىلوۋوتلىق باھا تالاشتۇرۇلغان فوتوۋولت تۈرى نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار قۇراشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ خۇڭشياڭ فوتوسى

 
بۇ چىڭخەي ئۆلكىسى خەيشى موڭغۇل-زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گولمۇد شەھىرى فوتوۋولت كەسىپلەر رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان سەنشيا يېڭى ئېنېرگىيەسىنىڭ 500 مېگاۋاتلىق باشلامچى تۈرىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيە بىرىكمە دېتالى (2019-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ گاڭ فوتوسى