تەپتىش ئورگانلىرى ئالدىنقى يېرىم يىلدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بويىچە 4527 دىلودىكى 5565 ئادەمنى ئەيىبلىدى

日期:2020年07月27日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ئىيۇل ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى يۇقۇملۇق كېسەلگە چېتىشلىق دېلولارنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بويىچە 4480دىكى 5370 ئادەمنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، 4527 دېلودىكى 5565 ئادەمنى ئەيىبلىگەن.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەيىبلەنگەن دېلولاردا ساختا، ناچار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ياساش، سېتىش جىنايىتى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى يالغاندىن سېتىش ئالدامچىلىق جىنايىتى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى، ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشيالىرى، خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرىنىڭ باھاسىنى ھە-ھۇ بىلەن ئۆستۈرۈش جىنايىتى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە يېتەكچى پىكىر ئېلان قىلىپ، ساختا ياساش، سېتىش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك جىنايەتنى زەربە بېرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىجتىمائىي تەرتىپىنى قوغداشنى ئايدىڭلاشتۇرغان؛ ج خ مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە «مال باھاسىنى ھە-ھۇ بىلەن ئۆستۈرۈش جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشكە دائىر تىپىك دېلو مىساللىرى»نى ئېلان قىلىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان؛ بەزى جايلاردا ئارقا- ئارقىدىن يۈز بەرگەن داۋالاش تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش، دوختۇرلارنى زەخىملەندۈرۈش ۋەقەلىرىگە قارىتا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالاقىدار تىپىك دېلولارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، دوختۇرلارغا چېتىشلىق يەتتە تۈرلۈك جىنايەتنى قاتتىق جازالىغان.

  ئىگىلىنىشىچە، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تەپتىش ئورگانلىرى دېلو بېجىرىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، دېلو بېجىرىش سۈرئىتىنى ھەقىقىي تېزلىتىپ، تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دەۋا ھالقىسى ۋە دېلو بېجىرىش دەۋرىنى ئۈنۈملۈك قىسقارتقان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى يۇقۇمغا چېتىشلىق دېلودىن 6289 نى مۇددەتتىن بۇرۇن قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ، قۇبۇل قىلىنىپ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەنگەن يۇقۇمغا چېتىشلىق دېلولارنىڭ %92.8 ىنى ئىگىلىگەن؛ ئەيىبلەنگەن جىنايەت دىلولىرى ئىچىدە، 177 مىڭ 394 دىلو ئاددىي تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇلغان، 77 مىڭ 649 دىلوغا تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپى تەدبىقلانغان؛ قاراپ چىقىپ ئەيىبلەنگەن دېلولارنى قايتۇرۇش سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.3 تۆۋەنلىگەن، سوت قىلىش مۆھلىتىنى ئۇزارتىش سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.4 تۆۋەنلىگەن؛ ئۆزى تولۇقلاپ تەھقىقلىگەن دېلو 5222 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەككىز ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان.