خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: ئىككىنچى پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ ئېنىرگىيە ئىستىمال مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئېلېكتىر ۋە تەبىئىي گاز ئىستېمال مىقدارى سىجىل ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتتى، تەييار ماي ئىستېمالى تەدرىجىي جانلاندى.
4- ئايدىن باشلاپ، توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن مۇسبەت ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئېشىش سۈرئىتى ئايمۇ ئاي تېزلىشىپ، 6- ئايدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئاشتى.
گاز ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى. تەبىئىي گاز ئىستېمالىنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى نىسبەتەن كىچىك بولدى، 1- پەسىلدە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئازراق تۆۋەنلىدى، كېيىن مۇقىم ئۆرلىدى، 2- پەسىلدە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى 1- پەسىلدىكىدىن 4.5 پىرسەنت پوئىنت تېز بولدى. تەييار ماي ئىستېمال يۈزلىنىشى تەدرىجىي ياخشىلاندى، 2- پەسىلدە تەييار ماي ئىستېمالىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى 1- پەسىلدىكىدىن تەخمىنەن 6 پىرسەنت پوئىنت تېز بولدى. ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىن قارىغاندا، كۆمۈر مەھسۇلاتى مۇقىم ئاشتى. 2- پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىليون توننا ئەتراپىدا بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا كۆمۈر مەھسۇلاتى 1 مىليارد 810 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.6 ئاشتى.